باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو غەربىي رايون قار – مۇز ساياھىتى بايرىمى ۋە 10 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى ئاياغلاشتى

4 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاندى

2015.11.30 12:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى)  3 كۈن داۋاملاشقان جۇڭگو غەربىي رايون قار – مۇز ساياھىتى بايرىمى ۋە 10 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 29 – نويابىر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن – كۆرگەزمە مەركىزىدە ئاياغلاشتى. دۆلىتىمىزنىڭ غەربى رايونىدىكى ئەڭ چوڭ قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسى بولغان بۇ يەرمەنكىدە 3 كۈن جەريانىدا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق ساياھەت كارخانىلىرى ئۆز – ئارا 4 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كېلىشىمى ئىمزالىدى. يەرمەنكىنى كۆرگەنلەر سانى 320 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى.

  ئىگىلىشىمچە، جۇڭگو غەربىي رايون قار – مۇز ساياھىتى بايرىمى ۋە جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىنىپ كەلگەن 10 يىلدىن بۇيان غايەت زور نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، تۇنقى نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە پۈتۈشكەن سودا سوممىسى 228 مىليون يۈەن بولغان بولسا، بۇ نۆۋەت 4 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە، شىنجاڭنى قىشتا ساياھەت قىلغانلار 2006 – يىلى 900 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولغان بولسا ھازىر بۇ سان 20 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، شىنجاڭ كۈتىۋالىدىغان پۈتۈن يىللىق ساياھەتچىلەر سانىنىڭ %40 نى ئىگىلىگەن. قىشلىق ساياھەت ھازىر شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ قالغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر