- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭنىڭ مىۋە - چىۋىلىرى 13 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى
ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى، تۇرپان ئۈزۈمى جۇڭگو مېۋە - چېۋە داڭلىق ماركىسى قاتارىغا كىردى
2015.11.09 14:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : فۇجۇ شەھىرى دېڭىز بوغۇزى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۈزۈم، ئالما، چىلان، ئالىقات، تاۋۇز، قۇمۇل قوغۇنى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە مەملىكەتلىك داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا سۈپەتلىك، يېڭى مېۋە - چېۋە يەرمەنكىسىدە بىر- بىرلەپ نامايەن قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنى بەس - بەستە تېتىپ كۆرۈپ، سۆھبەتلىشىشكە جەلپ قىلدى.
شۇ كۈنى، مۇخبىرنىڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئاقسۇنىڭ ئالمىسى، كورلىنىڭ نەشپۈتى، تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى قاتارلىق ئۈچ ماركا 13 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى جۇڭگو مېۋە - چېۋە داڭلىق ماركىسى بۇلۇپ تاللانغان.
مەملىكەتلىك داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا سۈپەتلىك، يېڭى مېۋە – چېۋە تونۇشتۇرۇش يىغىنى 13 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسى، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك داڭلىق ، سۈپەتلىك مېۋە يەرمەنكىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقى ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش مۇلازىمەت مەركىزى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مېۋە - چېۋە تۈرى تونۇشتۇرۇش يىغىنى، ئىلگىرى سۈرۈشتە ، ئېلىمىزنىڭ مېۋە - چېۋە ئوبوروت كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر