باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئۆمەك تەشكىللەپ 10 - نۆۋەتلىك ئىككى قىرغاق ساياھەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

2015.11.09 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 10-نۆۋەتلىك ئىككى قىرغاق ساياھەت كۆرگەزمىسى 6- نويابىر تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيبېي دۇنيا سودا مەركىزىدىكى كۆرگەزمىخانىدا يەنە بىر قېتىم نامايان بۇلۇپ، تەيۋەندىكى قېرىنداشلارغا شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭنىڭ يىراق ۋە سىرلىقلىقى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى جەلپ قىلدى. گەرچە شىنجاڭ كۆرگەزمە ئورنى يادرولۇق ئورۇنغا جايلاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ئورۇن بۇلۇپ قالدى. ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى باشلىنىش بىلەنلا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىغا كېلىپ، ساياھەت لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مۇلازىمەتتىن مەسلىھەت سورايدىغان تەيبېي شەھەر ئاھالىلىرى ۋە شۇ جايدىكى ساياھەت كوپىراتىپى مەسئۇللىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى تەيبېي ساياھەت كۆرگەزمىسى دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق ساياھەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى ۋە مالىيە گۇرۇھى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىسى تەيۋەن ساياھەت جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن بۇلۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلىكىنىڭ تەيۋەندىكى تەشۋىقاتىنى كېڭەيتىش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا بېرىپ ساياھەت قىلىش بازىرىنى ئېچىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ساياھەتچىلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نۆۋەتلىك تەيبېي ساياھەت كۆرگەزمىسى 9 - نويابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر