باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدا گۈللەنگەن، ئىناق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى

2015.11.03 14:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي شىنجاڭ ئادەتتە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

  ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭ چەت، بېكىنمە، قالاق جاي دەپ قارىلاتتى. قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن نەچچە كۈندە ئاران كەلگىلى بولاتتى؛ رەھىمسىز قۇم - بوران چىرا ناھىيە بازىرىنى ئۈچ قېتىم كۆچۈرۈشكە مەجبۇر قىلغانىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ كىشىلەرگە يىپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا، ھەر مىللەت ئامما ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، ھەممە جايدا گۈللەنگەن، ئىناق ۋەزىيەت بارلىققا كەلمەكتە.

  جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ، تېز ئىلگىرىلىدى

  جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرى ئەتىگەندە دەملەنگەن قارا چاي بىلەن ناشتا قىلغاندىن كېيىن، بىر كۈنلۈك ئىش - ئوقىتىنى باشلايدۇ.

  كۇچا ناھىيەسىدىكى ئۇزۇن بازىرىنىڭ 2 - ئۇچقارا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق خانئايشەم ئەنۋەر ناشتىدىن كېيىن، بۇرۇنقىدەكلا قولىغا يىپ - يىڭنىسىنى ئېلىپ كەشتە ئىشلەشكە كىرىشتى.

  −− قاراڭ بۇ مودەنگۈلگە، بەكمۇ چىرايلىق، بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى.

  خانئايشەم ئەنۋەر سىڭلىسى مېھرىگۈل ئەنۋەر بىلەن بىرلىكتە كەشتىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا ھەدىيە قىلغان «قەلبداش بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن رامكىلىق كەشتە بېيجىڭدا كۆرگەزمە قىلىنىپ يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلى يورۇپ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.

  تېخى يېقىنقى يىللارغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇرغاقچىلىق ۋە يەرنىڭ شورلىشىش ئەھۋالى ئېغىر ئىدى، ھەر يىلى ئەتىياز كىرىشى بىلەنلا ھەممە يەرنى قۇم - بوران قاپلاپ كېتەتتى... ناچار تەبىئىي شارائىت تۈپەيلىدىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئاجىزلىشىپ، ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىشقا يېتەكلەشتە قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ قالغانىدى.

  لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭ قېزىلما بايلىق، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى جەھەتتە ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا مۇھەببەت باغلاپ، بۇ تۇپراققا نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.

  مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، جايلار شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىشكە باشلىدى، بەلگىلەنگەن نۇقتىلار بويىچە نامراتلارنى يۆلىدى... يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر، دەۋرگە ماس كېلىدىغان بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى قاپلىدى.

  مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قارار قىلىندى. مەركەز ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر قوللاش، ياردەم بېرىش سالمىقىنى تەدىرىجىي ئاشۇردى، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە پائال ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز، شەھەر، يېزىلاردىكى ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن مەزگىلگە قەدەم قويدى.

  باش كۈزدە گۇما ناھىيەسىنىڭ گۇما بازىرى ئارايار كەنتى ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىنلىققا چۆمدى، يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى ئارقا - ئارقىدىن پۈتتى.

  −− ئاپەتتىن كېيىن سېلىنغان يېڭى ئۆي ئىلگىرىكى كونا ئۆيۈمدىن ياخشى ئىكەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ياردەم قىلىپ، مېنى مۇشۇنداق راھەت، يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، −− دېدى كەنت ئاھالىسى ئەخمەتجان غۇجىئابلا ھاياجانلانغان ھالدا.

  ئاساسنى مۇستەھكەملەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

  بۇ يىل 23 - ئۆكتەبىر چىرا ناھىيەسىدىكى دامىكۇ يېزىسىنىڭ گۈلتېرىغان كەنتىدىكى 28 ياشلىق مەتتۇرسۇن توختى قىش كىرىشتىن بۇرۇن ئۆيىنىڭ قورۇ تېمى ۋە دەرۋازىسىنى يېڭىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 

   مەتتۇرسۇن توختى مۇنداق دېدى: ئىشىكىمىز ئالدىغا شۇنداق چىرايلىق يول ياسالغان تۇرسا، دەرۋازام ئۇنىڭغا ماسلاشمىسا بولماس! ئىلگىرىكى يول ئوڭغۇل - دوڭغۇل، توپا ئۇچۇپ تۇراتتى. ھازىر ئالتە مېتىر كەڭلىكتە تۈز ھەم تەكشى يول ياسىلىپ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى.

  مەتتۇرسۇن توختى ئاپتونوم رايوننىڭ «يېزا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشى سىياسىتىدىن بەھرىلەندى. بۇ قۇرۇلۇش ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇدا ئالتە يىل يولغا قويۇلغان «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى»دىكى نۇرغۇن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرى ئىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، سانائەت تۈرلىرى ۋە سانائەت رايونلىرى تېز پىلانلىنىپ قۇرۇلۇش قىلىندى ياكى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە مەركەز تايانچ كارخانىلىرىنىڭ ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى ۋە ماددىي كۈچى بۇ زېمىنغا ئۈزلۈكسىز كىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش دولقۇنى قوزغىدى. 2009 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى %10.5تىن %11.2كە يەتتى.

  −− ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، شەھەر، بازارلاردا كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىش قۇرۇلۇشى داۋاملىق يولغا قويۇلدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گازى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  −− ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە 14 يىل ھەقسىز ئوقۇتۇش تەدبىرى ئالدىن يولغا قويۇلدى، ئومۇمىي نوپۇس ئاساسىي جەھەتتىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىلەن قاپلاندى.

  −− يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىدا ئوڭۇشلۇق ئىش باشلاندى؛ قەشقەردەك شەھەرلەرنىڭ كوناشەھەر رايونلىرىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۇختا ئىشلەندى، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.......

  «سۇ كەتسە تاش قالىدۇ». «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدە، كەنتكە چۈشكەن بىر تۈركۈم كادىرلار ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ قىياپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىنىي كەيپىياتنى ئۈنۈملۈك ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

  پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن بەرپا قىلغان گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى جەزمەن ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى بىخ ھالىتىدىلا يوقاتتى؛ ئاممىمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلق كۈرىشىدە جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندى −− خوتەندىكى شاھماتخانىدا ئامما بىرلىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇردى، گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقانلار قىلچە قورقماستىن زوراۋانلىققا قارشى تۇردى، قاراقاش ۋە ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە ئونمىڭلىغان كىشى زوراۋان - تېررورچىلارنى مۇھاسىرىگە ئالدى... تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلق كۈرىشىنىڭ شانلىق تارىخىغا نۇرغۇن تەسىرلىك ئىش - ئىزلار قوشۇلدى.تەرەققىياتتىن نەپ ئېلىپ، قەلبلەردە بەخت گۈللىرى ئېچىلدىكۈز پەسلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ بازارلىرى بۇرۇنقىدەكلا قىزىپ كەتتى.

  بۇ مەزگىلدە ئەرلەر، ئاياللار، ياشانغانلار، بالىلار چىرايلىق كىيىنىپ بازارغا بېرىپ يېمەكلىك، كىيىم - كېچەك سېتىۋالىدۇ ياكى كاۋاپ يەپ، قېتىق ئىچىشىدۇ. يەرلىك دېھقانلارمۇ كالا، قوي ۋە مېۋە - چىۋە، تۇخۇملىرىنى بازارغا ئېلىپ كېلىپ ساتىدۇ...

  بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ كارتىنىسى. ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىلمىي تەدبىر يۈرگۈزۈشى بىلەن، ئىسلاھات، تەرەققىيات تەدبىرلىرى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بەخت گۈللىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە پورەكلەپ ئېچىلدى.

  62 ياشلىق مەمەتجان قاسىم ئاددىي - ساددا كىيىنىدىكەن، بۇرادەرلىرى ئۇنى كىيىمىڭ 10 مىليون يۈەنلىك مال - مۈلكى بار خوجايىنلىق سۈپىتىڭگە ماس كەلمەيدۇ، دەپ مازاق قىلىشىدىكەن، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل ئىكەن.

  2011 - يىلى خوتەن - قەشقەر - ئۈرۈمچى تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، مەمەتجان قاسىم ئەقلىنى ئىشلىتىپ، گۇما بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا دائىم پويىزلىق قاتناپ، ساياھەتچىلەرگە ئۆز زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقارغان سوقماقلىرىنى قىزغىن تونۇشتۇرغان، ئۇ بۇ خىل ئۆزگىچە سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نۇرغۇن يېڭى خېرىدارغا ئىگە بولغان.

  ئۆتكەن بەش يىلدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا روشەن ئىلگىرىلەش بولدى. قەشقەر - خوتەن تۆمۈريولى پۈتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي ئېلېكتىر تورىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا 750 كىلوۋولتلىق ئېلېكتىر تورى قەشقەرغىچە تۇتاشتۇرۇلىدۇ؛ ئاراتاش، قارابەل قاتارلىق بىر تۈركۈم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى؛ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى زور دەرىجىدە قوللاشقا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايون توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەرنى چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئايال زامانىۋى سانائەت مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەدرىجىي ھالدا «سانائەت ئىشچىسى»غا ئايلىنىپ، دەۋرگە ماسلاشتى.

  تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش بىلەن خاراكتېرلەندى. بىڭتۈەننىڭ خىزمەتچىسى يۇ لياڭيىڭ ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى؛ تەكلىماكاندىكى توي، ئەتلەسنىڭ قاراقۇرۇمدىكى جۇلاسى، يەكەن دەرياسى تېمىسىدىكى جانلىق زامانىۋى مەدەنىيەت ئەمەلىيەتلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ساقلاش بىلەن بىللە، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئاكتىپ ھىمايە قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  بەش يىلدىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مۇجەسسەملەنگەن «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقى يېڭى تارىخ يارىتىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلىمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر