باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 7 - شىسى 125 – تۇەندىكى بىر پاختا زاۋۇتىدىكى ئىككى مىڭ توننا پاختىغا ئوت كەتتى

2015.11.03 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 31-ئۆكتەبىر چۈشتىن كىيىن سائەت 3 دىن 10 لار ئەتراپىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-شى 125-تۇەن سۇ ئامبىرى ئەتراپىدىكى بىر پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بۇلۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ ئۈچ ئوتتۇرا ئەترىتى ۋە كارخانا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن 200 نەچچە ئادەمنىڭ 11 سائەت تىرىشىشى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغان. بىراق، ئاپەتتە 2000توننىدىن ئارتۇق پاختا كۆيۈپ كەتكەن.

  ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا 5000 توننىدىن ئارتۇق چىگىتلىك پاختا قويۇلغان، ئوت كەتكەن كۆلەم 2500 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، 2000 توننىدىن ئارتۇق چىگىتلىك پاختا كۆيۈپ كەتكەن، ئوت بىر سائەتتىن ئارتۇق شىددەتلىك كۆيگەندىن كېيىن كونترول قىلىنغان، تۈنۈگۈن سەھەر سائەت 2:30لار ئەتراپىدا پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېلىنغان.نۆۋەتتە، ئوت كېتىش سەۋەبى ۋە زىيان ئەھۋالى تەكشۈرۈلمەكتە. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر