باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى لياۋنىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ ئۇدا بەش قېتىم غەلىبە قىلدى

2015.10.28 14:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز مەيدانىدا مۇسابىقە ئويناۋاتقان شىنجاڭ «ۋوجياڭ» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 27 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە داڭقى بار كۈچلۈك كوماندا −− لياۋنىڭ «جۇڭدا» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، 60 قا قارشى 81 نومۇر بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، ئۇدا بەش قېتىم غەلىبە قىلدى.لياۋنىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىلگىرى بەش يىلدا تۆت قېتىم چېمپىيون بولۇشتەك كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان نەتىجىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بولسا ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان WCBA دىكى يېڭى قوشۇن. كۈچلۈكلەرنىڭ بۇ ئۇچرىشىشىدىن كۆپچىلىك زور ئۈمىد كۈتكەنىدى.

  مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 2 گە قارشى 12 نومۇرغا ئېرىشتى، ۋاڭ لىلىنىڭ ئۈچ قېتىملىق تېز ھۇجۇمى ۋە چارلېسنىڭ گار ئاستىدىكى ئۈچ قېتىملىق كۈچلۈك ھۇجۇمى لياۋنىڭ كوماندىسىنى مۇسابىقىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا ھەم ماھىرلارنى ئالماشتۇرۇپ، تاكتىكىسىنى تەڭشەشكە مەجبۇر قىلدى. تۇنجى چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 13 كە قارشى 19 نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

  2 - چارەك مەيدان مۇسابىقىدە مۇداپىئە قىلىش، توپنى تارتىۋېلىش، گاردىن قايتقان توپنى تالىشىش تېخىمۇ كەسكىن داۋاملاشتى. ئىككى تەرەپ ھۇجۇم رىتىمىنى تېزلىتىپ، كەسكىن مۇسابىقىلەشتى.2 - چارەك مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا بىر مىنۇت قالغاندا، مەيدان ۋەزىيىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولدى. ما زېڭيۈ گار ئاستىدىكى بىر قېتىملىق كۈچلۈك ھۇجۇمدا قارشى تەرەپنىڭ ماھىرى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، يارىلىنىپ يىقىلدى، مەيداندىكى تاماشىبىنلار جىددىيلىشىپ كەتتى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ماھىر ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

  2 - چارەك مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 30 گە قارشى 41 نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. لېكىن ، ما زىڭيۈنىڭ مەيداندىن ئايرىلىشى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا خېلى بېسىم ئېلىپ كەلدى.

  3 - چارەك مەيدان مۇسابىقىدە، لياۋنىڭ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرى ما زىڭيۈنىڭ مەيدانغا چۈشەلمەسلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. مەيداندىكى مۇسابىقە ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ما زىڭيۈنىڭ مەيداندىن ئايرىلىشى بىلەن شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەسىدە بىر قىسىم نۇقسانلار كۆرۈلۈپ، سەۋەنلىك كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 44 كە قارشى 60 نومۇر بىلەن 3 - چارەك مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

  ئاخىرقى چارەك مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى كەسكىن ئېلىشىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم 24 سېكۇنتلۇق بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لياۋنىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىمۇ بوش كەلمەي، ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىپ، ئىچكى لىنىيەدە ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن تەڭ تۇرۇپ مۇسابىقىلەشتى. ھالبۇكى، 3 - چارەك مەيداندا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى نومۇر پەرقىنى كېڭەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىۋالغانلىقتىن، 60 قا قارشى 81 نومۇر بىلەن ئۇدا بەش قېتىملىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.مەيدان ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىلگىرىكى دۆلەت ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى چېڭ لۇيۈن ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى پۈتكۈل مەيداندا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ۋە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كەيپىياتىنى كۈچەيتتى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىمزا قويغان ۋاسكېتبول خالىسانە سېتىلدى، مەيداندىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە بىر توپ مەستانىسى بۇ ۋاسكېتبولنى 3800 يۈەنگە سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىمۇ چېڭ لۇيۈنگە 18 مىڭ 300 يۈەن ئىئانە قىلدى، «خۇڭرۈي شىنفېڭ» تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر