باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار ئۆمەك باشلاپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئادەم تەكلىپ قىلىدۇ

2015.10.23 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئۆكتەبىر چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كۇلۇبى ئادەم بىلەن لىق توشقان بۇلۇپ، بېيجىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىتىكى رايونلاردىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى باشلامچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى بىر قىسىم كارخانا - كەسپىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا ئاكتىپ قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى ئادەم تەكلىپ قىلىشقا بارغانلاردىن شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئورۇنلار بار. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئورۇنلار يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، مېدىتسىنا، نېفىت، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق كەسپىلەردىكى 2016 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان دوكتور ئاسپىرانت، ماگىستىر ئاسپىرانتلار ۋە شىنجاڭ جىددىي ئېھتىياجلىق كەسلەردىكى 2016 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق كۇرس (ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار چوقۇم ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتىن يۇقىرى بۇلىشى كېرەك ) ئوقۇغۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلدىكەن. دوكتور ئاسپىرانتلار ئادەتتىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ بولىدىكەن.

  ئېنىقلىنىشىچە، بۇ ئورۇنلار يەنە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر