باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىلىرىغا ئالاقىدار جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۇيغۇر تېبابىتىنى راۋاجلاندۇرۇش خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى

2015.10.23 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىلىرىغا ئالاقىدار جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۇيغۇر تېبابىتىنى راۋاجلاندۇرۇش خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى 22- ئۆكتەبىر خوتەندە ئېچىلدى.پاكىستان، فىرانسىيە، ياپۇنىيە، شۋېتسىيە، تاجىكىستان، تۈركىيە قاتارلىق 19دۆلەتتىن كەلگەن داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىلمى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو تىبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇتۇش ، پەن - تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن 31 نەپەر ئالىم، شىنجاڭدىكى دورىگەرلىك، سەھىيە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى 700 دىن ئارتۇق كەسپىي خادىم، كونا ئۇيغۇر تىۋىپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا يەنە«جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى دورىگەرلىك يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىقاتى ۋە ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى» نىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى. 12 نەپەر مۇتەخەسسىسكە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى زىيارەتلىك پروفېسسور تەكلىپنامىسى تارقىتىلدى، ئابدۇرېھىم قادىر قاتارلىق توققۇز نەپەر پىشقەدەم ئۇيغۇر تىۋىپقا ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىك بويىچە شاگىرت يېتەكلەش تەكلىپنامىسى تارقىتىلدى. مۇھاكىمە يىغىنى يىغىن ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇلۇپ، بۇ مەزگىلدە 26 مەيدان ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر