باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«باھاردىكى جۇدۇن» ناملىق دىراما تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى

2015.10.21 16:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» دىراما ھەپتىلىكىنىڭ تۇنجى مەيدان ئويۇنى «باھاردىكى جۇدۇن» 19 - ئۆكتەبىر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا قويۇلۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

  غۇلجا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى سەھنىلەشتۈرگەن، تۆت پەردە، سەككىز كۆرۈنۈشلۈك بۇ دىرامىدا باش پېرسوناژ سادىقنىڭ دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ ئىزىقتۇرۇشى بىلەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئاخىرىدا ئائىلىسىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، جەمئىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، ياش ئايال بانۇمنىڭ دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ بەختسىز بولۇپ قالغانلىقى، ئاخىرىدا كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئادىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نۇسرەت ھاجىم قاتارلىق ئاممىنىڭ بىرلىكتە دىن ئەسەبىيلىرى بىلەن باتۇرانە كۈرەش قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ۋەقەلىك بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ رەزىل ئەپت - بەشرىسى ئېچىپ تاشلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جەمئىيەت ۋە خەلق ئاممىسىغا كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرى قاتتىق قامچىلانغان، ھەققانىيلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقتىن ئىبارەت دەۋر مېلودىيەسى مەدھىيەلەنگەن.

  بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى، غۇلجا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خادىمى يۈسۈپجان قېيۇم مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت خەلقى ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقان بۈگۈنكى ياخشى ۋەزىيەتتە بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەر ئىناق جەمئىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، كىشىلەرنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن، بەزىبىر ناشايان ئىشلارنى قىلدى. بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى باھاردىكى ئۆتكۈنچى جۇدۇنغا ئوخشايدۇ. شۇڭا مەن بۇ دىرامىغا «باھاردىكى جۇدۇن» دەپ نام قويدۇم. دىرامىنى يېزىشتىن ئىلگىرى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەن جىنايەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى، بىر قىسىم دىنىي زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىلىم - پەن ساۋاتسىزلىقى، دىن ساۋاتسىزلىقى، قانۇن ساۋاتسىزلىقىنىڭ بىر قىسىم ياشلارنىڭ تۇيۇق يولغا مېڭىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇڭا مۇشۇ تېمىدا دىراما يېزىپ، كىشىلەرگە ئاچچىق ساۋاق بېرىشنى توغرا تاپتىم.

  بۇ دىرامىنىڭ رېژىسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پېنسىيونېرى، پىروفېسسور تۇرسۇنجان زۇنۇن مۇنداق دېدى: بۇ دىرامىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قورغاس ناھىيەسى بىلەن غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا 50 نەچچە مەيدان ئويۇن قويۇپ، خەلق ئاممىسىغا ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بەردۇق. دىرامىدا بىرمۇ كەسپىي ئاكتىيور يوق بولۇپ، رول ئالغان ئارتىسلارنى خەلق ئىچىدىن تاللاپ چىقتۇق.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچسى گۈلناز ئەخمەت مۇنداق دېدى: بۇ دىرامىدىكى باش پېرسوناژ −− سادىق ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى. بەخىتلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان سادىقنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە ئاتا - ئانىسى، ئائىلىسى ۋە قوشنا - قۇلۇملىرىغا ئاسىيلىق قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلغانلىقى مېنى قاتتىق ئويغا سالدى. بىز ئازغۇن ياشلارنىڭ توغرا يولغا قايتىشىغا، بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشىلىقىغا ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشىغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.

  تاماشىبىن پاتىگۈل سەلەي مۇنداق دېدى: مەن بۇ دىرامىنى كۆرگەندىن كېيىن، يېڭى دەۋردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە قالاق جەمئىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، دىرامىدىكى بانۇم بىلەن ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ناھايىتى ئېچىندىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر