باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.10.21 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2015 - يىللىق «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى ئەڭ مودا شەھەر پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيىتى پارىژدىكى تاماشىبىنلارغا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ بەردى.

  2015 - يىللىق «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتى جۇڭگونىڭ سىرتقا قارىتىلغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت مەركىزىدىكى يەنىمۇ كېڭەيتىلىشى ۋە نامايان قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

  مەدەنىيەت ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بارغان سەنئەتچىلەر نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك، قىزغىن، مېھماندوست، توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان خاراكتېرى ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرچە كوللېكتىپ ئۇسسۇل «تەنتەنە»، شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئىچىدىكى ئەڭ كىلاسسىك ئۇسسۇل ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ «پىيالە ئۇسسۇلى»، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئارىيە −− «جۇلا مۇقامى» قاتارلىقلارنى ئورۇنلاپ بەردى، بۇ نومۇرلار ئارىسىدا «دولان مەشرىپى» مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئارتىسلارنىڭ جۇشقۇن كەيپىياتىدىن ئىلھاملىنىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە مەشرەپكە چۈشتى. پارىژ شەھەر ئاھالىسى ھېنرى سەنئەت نومۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن: بۈگۈن كەچ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بىزگە شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئورۇن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى مۇھىم ئاپتونوم رايون ئىكەنلىكىنى تونۇتتى، دېدى.

  بۇ قېتىملىق «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى»دە «جەلىپكار جۇڭگو، رەڭدار شىنجاڭ» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، «بەختىيار شىنجاڭ» ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى، «گۈزەل شىنجاڭ» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، «جەلپكار شىنجاڭ» مەخسۇس تېمىلىق فىلىم كۆرگەزمىسى، «شىنجاڭ تەسىراتى» ھۆججەتلىك فىلىم كۆرگەزمىسى، «سىرلىق شىنجاڭ توغرىسىدا ئىزدىنىش» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۆھبىتى قاتارلىق بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئېسىل ناخشا - ئۇسسۇللار، تەسىرلىك فىلىملەر ۋە تەپسىلىي ھەم ئېنىق بولغان ماتېرىياللار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى، تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە تارىخىي تەرەققىياتىنى نامايان قىلىپ بەردى. كىلاسسىك ناخشا - ئۇسسۇللار، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ ئېلېمېنتلىق يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى؛ بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت پائالىيىتى يەنە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ يېڭىچە قىياپىتىنى كىشىلەرگە نامايان قىلىپ بەردى.

  بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى كۆرگەن پارىژلىق تاماشىبىن جېنكىلاۋد: بۇ پائالىيەت جۇڭگو ۋە فىرانسىيەنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياخشى رول ئوينىدى، بىزگە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى تونۇتتى، دېدى.

  فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق جۇڭگو مۇھاجىرى دىڭ گوۋېي مۇنداق دېدى: سەنئەت نومۇرلىرى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاندى، پائالىيەت فىرانسىيە خەلقىگە ۋە فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇقلارغا شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ بەردى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئىنتايىن غەلىبىلىك بولدى، دەپ قارايمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ بىلەن فىرانسىيەنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى ياخشى ئىكەن، فىرانسىيەگە قاراشلىق پولىنېزىيە ئىلگىرى تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت «قوش يىل» كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان؛ فىرانسىيەدىكى پەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەركىزىي ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى كېرىيە دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمىي خارابىلىكلەردە ئون نەچچە يىل كۆپ پەنلىك ئۇنىۋېرسال ئارخېئولوگىيە تەكشۈرۈشى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر