باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ شانلىق كىشىلىك ھايات ياراتقان رادىل ئابلا

2015.10.21 16:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەتتىكى پەن تەتقىقاتچىدىن مال - مۈلكىنىڭ قىممىتى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللىي كارخانىچىغا ئايلانغان شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى رادىل ئابلا ئۆزگىچە ھاياتلىق يولىنى ياراتتى.

  سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى رادىل ئابلا ئىشخانىسىدا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا، 20 يىللىق جاپالىق تىرىشىپ ئىشلەش جەريانىنى ۋە بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.

  20 مىڭ يۈەندىن نەچچە يۈز مىليون يۈەنلىك مال - مۈلۈككە ئېرىشىش

  رادىل ئابلا ئىلگىرىكى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىدا بەش يىل تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، 1995 - يىلى ئائىلىدىكىلىرىنى ۋە دوستلىرىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نىيەتكە كەلدى، يەنى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدى.

  رادىل ئابلا مۇنداق دېدى: دادام دائىم ماڭا «تۆمۈر تاۋاق»نى چاقتىڭ، كاللاڭنىڭ چاتىقى بار ئوخشايدۇ، دەيتتى. ئاتا - ئانام يۇرتتىن كېلىپ ماڭا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلدى، ئۇلار دائىم سېنى مىڭبىر جاپادا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتۇق، شۇڭا، خىزمەت ئورنۇڭغا قايتىپ ئىشلە دەيتتى.

  لېكىن، شانلىق كىشىلىك ھايات يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغان رادىل ئابلا باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن ھېسابلاشماي قەرز ئالغان 20 مىڭ يۈەنگە توي فىلىمى، توي سۈرەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىچىك شىركەت قۇردى، ئۇزاق ئۆتمەي شىركەتنىڭ كەسىپ يۆنىلىشىنى ئىمپورت ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشقا ئۆزگەرتتى ھەم شىنجاڭ «ئارمان» سودا چەكلىك شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، ھاياتىدىكى تۇنجى پايدىغا ئېرىشتى. رادىل ئابلا 1997 - يىلى بازار ئېھتىياجىنى كۆزلەپ زەنجىرسىمان تاللا بازىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، شىنجاڭ «ئارمان» ئوقەتچىلىك شىركىتىنى قۇردى. ئەينى ۋاقىتلاردا ئاز ئۇچرايدىغان بۇ خىل زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ئۈرۈمچىدە تېزلا ئالقىشقا ئېرىشتى، ئوخشاش ئۇسلۇبتا بېزەلگەن «ئارمان» تاللا بازىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.

  لېكىن، رادىل ئابلا ئېرىشكەن پايدىلىرىدىن قانائەت قىلىپ ئولتۇرمىدى. «ھەممە ئادەم تاللا بازىرى ئاچالايدۇ، ئۆز ئالدىمغا مەھسۇلات ياراتمىسام تىجارىتىمنى زورايتالمايمەن». رادىل ئابلا شۇ مەقسەتتە 1998 - يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكىدىن ئىلھام ئېلىپ، شىنجاڭ دورا تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، نوقۇت، ياڭاق ۋە بادام قاتارلىق شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى خام ماتېرىيال قىلىپ بەدەننى ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان 200 نەچچە خىلدىن ئارتۇق «ئارمان يۈرۈشلۈك ئوزۇقلۇق تالقانلىرى» نى تەتقىق قىلىپ بازارغا سېلىپ، ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەش يولىنى ئېچىپ بەردى.

  رادىل ئابلا ھازىر بىر قوللۇق باشقۇرۇۋاتقان «ئارمان» گۇرۇھى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەيدىغان ھەم تەتقىق قىلىپ ئاچىدىغان، يېشىل يېمەكلىكلەرنى تېرىيدىغان، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان، زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىش بىلەن ئەشيا ئوبوروتى بىرلەشتۈرۈلگەن دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى. ھازىر «ئارمان» گۇرۇھى ئىشلەپچىقارغان كەمپۈت، ئوزۇقلۇق تالقىنى، پېچىنە - پىرەنىك ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 200 نەچچە خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات 25 مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئېكسپورت قىلىنماقتا؛ «ئارمان» گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ئون تارماق شىركەت، 2400 مىڭدىن ئارتۇق زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ۋە ئون ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى يىلدا 100 مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدۇ، تىجارەت تورى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەر ۋە 830دىن ئارتۇق يېزا - بازار، 6000دىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتكە تارقالدى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر 10 مىڭدىن ئاشتى.

  مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنىڭ «ماكدونالد» ىنى ياراتتىبۇ يەر كۈندە 8000 ئادەم / قېتىم خېرىدارنى كۈتۈۋالىدۇ، گۆشسىز پولو ئاران 4.9 يۈەن، ئۆي لەڭمىنى 11.9 يۈەن، تاماق يېيىش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاش ھاجەتسىز.

  مەن يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونسۇل كوچىسىغا جايلاشقان «يىپەك يولى كونسۇل رەستىسى» گە باردىم، بۇ يەرگە كىرىشىم بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تاماقخانىلىرىغا بولغان ئىلگىرىكى قارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى. بۇ يەر شىنجاڭنىڭ لەززەتلىك تاماقلىرىنىڭ مەززىلىك ھىدىنى ساقلاپ قالغانىدى، ئوخشىمايدىغان يېرى بېزىلىش جەھەتتە «كېنتاكى»، «ماكدونالد» قاتارلىق تېز تاماقخانىلارغا ئوخشىشىپ كېتەتتى. بۇ جايدا ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغاچقا، تاماقلارنىڭ باھاسى ئەرزان، تەييارلىنىشى تېز ئىدى، بۇ دەل «يىپەك يولى رەستىسى» نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى.

  رادىل ئابلا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر «ئارمان» گۇرۇھى مەبلەغ سالغان «يىپەك يولى رەستىسى» شىنجاڭ يېمەك - ئىچمەك مەيدانىدىن ئۈرۈمچىدە ئىككىسى ئېچىلدى. ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائەت گۇرۇھىمىز 180 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچىدە ئومۇمىي كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مەركىزىي ئاشخانىدىن بىرنى ئاچتۇق، بۇ ئاشخانا 300 مىڭ ئادەمنىڭ تاماق يېيىش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ، بارلىق ماتېرىياللار بۇ يەردە يېرىم تەييار مەھسۇلات قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن «يىپەك يولى رەستىسى» ئاشخانىسىغا ئەۋەتىلىدۇ، خېرىدارلار تاماق بۇيرۇپ ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا ساقلىسىلا مەززىلىك تاماقتىن بەھرىلىنەلەيدۇ. بۇنداق چوڭ كۆلەملىك، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئامباردا بىر تۇتاش ساقلاش، بىر تۇتاش ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، بىر تۇتاش دەرىجىلەرگە ئايرىپ ئوراش، بىر تۇتاش يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدىغان تىجارەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ داڭقى سىرتقا تارالغان بولسىمۇ، لېكىن «چۈەنجۈدې»، «ماكدونالد»، «كېنتاكى»غا ئوخشاش داڭلىق ماركا يارىتالمىدى. 2010 - يىلى ئىيۇلدا، رادىل ئابلا «ئارمان» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 22 مىللىي سودا كارخانىسى مەسئۇللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا سۆز قىلغۇچى سۈپىتىدە قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، رادىل ئابلا قاتتىق غەيرەتكە كەلدى، يەنى ئۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىش سېتىشتىن مۇلازىمەت كەسپىگە يۈزلىنىپ، «يىپەك يولى يېمەكلىك رەستىسى» زەنجىرسىمان تاماقخانىسى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ مىللىيچە خاسلىققا ئىگە يېمەك - ئىچمەك كەسپىنى مەملىكەتكە، دۇنياغا تونۇتۇش ئويى پەيدا بولدى.

  لېكىن، باشقا كەسىپنى قىلىش نەدىمۇ ئۇنچە ئاسان بولسۇن. ئەزەلدىن يېمەك - ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان رادىل ئابلا مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا قايتا - قايتا بازار تەكشۈرۈپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك كەسپىدىكى «خاس ھۈنەر»نى كۆزەتتى، مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ تېز تاماقخانا «ماررىي بروۋىن»نىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەرتىپلەشتۈرۈش، ئاددىيلاشتۇرۇش، نورمىلاشتۇرۇش، كەسىپلىشىشتەك ئۇتۇق قازىنىش تەجرىبىسى ئۇنىڭغا ئىلھام ئاتا قىلدى. ئۇ دەرھال نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلىپ، «ماررىي بروۋىن»نىڭ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە «ماررىي بروۋىن» تېز تاماقخانا يېمەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوكانلىرى جەمئىي ئونغا يەتتى.

  شىنجاڭ ئەتراپتىكى سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەردە 300 مىليوندىن كۆپرەك مۇسۇلمان بار بولۇپ، غايەت زور مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىستېمال بازىرىغا ئىگە. ھازىر مەملىكەت ئىچىدىكى بازاردا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر تولىمۇ كەمچىل بولۇپ، ماركا ياراتقان كۆلەم ۋە باشقۇرۇش قېلىپلاشقان كارخانا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. پەقەت «ماررىي بروۋىن»غىلا تايىنىشقا بولمايدۇ، رادىل ئابلا جەزمەن ئۆزىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ماركىسىنى يارىتىشنى ئويلىدى.

  2011 - يىلىدىن باشلاپ «ئارمان» گۇرۇھى نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلىپ، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى»دا ئىش باشلاپ، كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مەركىزىي ئاشخانا ۋە 2000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان سوغۇق ساقلاش، توڭلىتىش ئامبىرى قۇردى. 2014 - يىلى مايدا تۇنجى «يىپەك يولى يېمەكلىك رەستىسى» قۇرۇلۇپ، كۈندە كۈتۈۋېلىنغان مېھمان 8000 ئادەم / قېتىمدىن ئېشىشتەك مۆجىزە يارىتىلدى.

  رادىل ئابلا تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە شىركىتىمىز ئاپتونوم رايونىمىز ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەردە 20دىن ئارتۇق مەركىزىي ئاشخانا قۇرۇپ، مەملىكەتتە 500دىن ئارتۇق «يىپەك يولى يېمەكلىك رەستىسى» زەنجىرسىمان دۇكىنى ئېچىپ، 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىسراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى «ئارمان» گۇرۇھىمىزغا قانات بولدى، «ئارمان» گۇرۇھىمىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «يىپەك يولى يېمەكلىك رەستىسى»نى تەدرىجىي «ماكدونالد»، «كېنتاكى»غا ئوخشاش داڭلىق مۇسۇلمانچە ماركىغا ئايلاندۇرىمىز.

  بېيىغاندا باشقىلارنى ئۇنتۇپ قالماي جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرىمەن

  رادىل ئابلا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ۋە كارخانامنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشەلىشى پۈتۈنلەي پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى! بېيىغاندا ئەسلىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، دېھقان - چارۋىچىلارغا تۈرتكە بولۇپ بىللە بېيىشىم كېرەك.

  رادىل ئابلا 1998 - يىلىدىن باشلاپ ھەمكارلىق شەكلىدە مورى، خوتەن قاتارلىق جايلاردا 5000 مو نوقۇت ئۆستۈرۈش بازىسى؛ خوتەن، نىيە قاتارلىق جايلاردا 60 مىڭ مو ياڭاق ئۆستۈرۈش بازىسى؛ ئالتاي شەھىرىدە سۈتچىلىك بازىسى قۇردى. «ئارمان» گۇرۇھى دېھقانلارنى بادام، ياڭاق، نوقۇت، ئالقات قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىلمىي ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى. ھازىر «ئارمان» گۇرۇھىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى خام ماتېرىيالىغا بولغان يىللىق ئېھتىياج مىقدارى 3000 توننىدىن ئېشىپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج مىقدارى 8000 توننىدىن ئاشتى، ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  «ئارمان» گۇرۇھىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، خۇيزۇ، شىبە، موڭغۇلدىن تەركىب تاپقان. بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن 2007 - يىلى رادىل ئابلانىڭ تەشەببۇسىدا «ئارمان» گۇرۇھى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى قۇرۇپ، مەخسۇس فوند تەسىس قىلىپ، شىركەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئىشلەتتى.

  «ئارمان» گۇرۇھى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقاندا، رادىل ئابلا يەنە جەمئىيەتكە پائال جاۋاب قايتۇرۇپ، تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. رادىل ئابلا 1999 - يىلىدىن ھازىرغىچە تۈرلۈك جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى. «ئارمان» گۇرۇھى يەنە نۇرغۇن مەبلەغ ئىئانە قىلىپ خوتەن ناھىيەسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە «ئارمان باشلانغۇچ مەكتىپى» قۇردى. رادىل ئابلا مۇنداق دېدى: بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مېنىڭ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئۇسۇلۇم، بۇ «ئارمان» گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر