باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مەركەزنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› نى ئېلان قىلىپ يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2015.10.20 15:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 8 – ئاينىڭ 3 – كۈنى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››(تۆۋەندە ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى. ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قائىدە – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى تۈزۈم قورالى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يولداش قۇرماش سېرجان يېقىندا گېزىتىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  سوئال: ئىگىلىشىمچە ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگىلى ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت بوپتۇ، بۇ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مۇھىم ئەھىيىتى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز.

  جاۋاب: مەركەز 2009 – يىلى 7 – ئايدا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى. بۇ كۆزىتىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كۆزىتىش خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىگە دۇچ كېلىپ، مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى مۇھىم تەڭشىلىپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا مول تەجرىبىلەر توپلاندى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام چىقىرىش پىلانى ۋە مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى لايىھەسىدە ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇقتىلىق خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  بىرىنچى، مەركەز ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ‹‹پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش›› ئۇنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھەم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا يېتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك قائىدە – نىزام سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى جەزمەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زۆرۈر بولغان تۈزىتىش ئارقىلىق پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قائىدىلىرىنى ئورنىتىپ، چىڭىتىپ ۋە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭىنى ھەقىقىي ئويغىتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئون قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆزىتىش خىزمىتى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم سۇپىسىغا ئايلاندى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن جامائەت نازارەتچىلىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش مۇھىم ئۇسۇلى، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنى نازارەت قىلىش مۇھىم ۋاسىتىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنى يېڭى دەۋر كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ باش قوللانمىسى بولۇپ، جەزمەن قانۇن – نىزام شەكلىدە بېكىتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدا كۆزىتىش خىزمىتى رەسمىي قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆزىتىش تۈزۈمى ئىزدىنىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ناھايىتى كۆپ ئۈنۈملۈك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ياراتتى ۋە توپلىدى، بۇنى تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزىتىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرمۇ بارغانسېرى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، بۇنى نىزامنى تۈزىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزام كۆزىتىش ئەمەلىيىتى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا كۆزىتىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

  سوئال: يېڭى ئېلان قىلىنغان ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› 2009 – يىلى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان نىزامنى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا تۈزۈلگەن، سىزچە ئەسلىدىكى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان نىزامغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزام تۈزۈلۈش جەھەتتە قانداق يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

  جاۋاب: ئەسلىدىكى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان نىزام جەمئىي ئالتە ماددا، 49 تارماق بولۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن جەمئىي يەتتە ماددا، 42 تارماق قىلىندى. بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئەسلىدىكى نىزامنىڭ 2 – ماددىسىدىكى ‹‹ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى›› ۋە 4 – ماددىسىدىكى ‹‹خادىملارنى باشقۇرۇش›› بىرلەشتۈرۈلۈپ ‹‹ئاپپاراتلار ۋە خادىملار››دىن ئىبارەت بىر ماددىغا ئىخچاملاندى، 3 – ماددا ‹‹كۆزىتىش دائىرىسى ۋە مەزمۇنى››، 4 – ماددا ‹‹خىزمەت ئۇسۇلى ۋە ھوقۇق چېكى››دىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇن قوشۇلدى؛ ئون ماددا قىسقارتىلىپ، ئۈچ ماددا قوشۇلدى.

  سوئال: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە قانداق مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن؟

  جاۋاب: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتىدە ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنى نىزام بويىچە باشقۇرۇپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، چۆچۈتۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››.

  دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ يادروسى ۋە يارقىن نۇقتىسى. بىرىنچىدىن، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيەنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىپ بېكىتىلدى، ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېتەكچى ئىدىيەگە قاتتىق بويسۇنۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىگە پارتىيە نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھازىرقى تۈرلۈك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ تۈپ ئاساسى بولۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ‹‹پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى نىزام بويىچە باشقۇرۇش››تا چىڭ تۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنى ئەمەلىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. كۆزىتىش خىزمىتى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنتىزام ۋە قائىدىدە باشتىن – ئاخىر ئالدىدا مېڭىپ، قاتتىق بولۇشنى مۇھىم پىرىنسىپ ۋە تۈپ كاپالەت، قائىدىنى نازارەتچىلىك ئۆلچىمى ۋە تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە دائىر تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى. كۆزىتىش خىزمىتىدە مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى باش قوللانما قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى باشتىن – ئاخىر چۆرىدەپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، چۆچۈتۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ‹‹ئۆتكۈر قىلىچ››لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  سوئال: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا پارتكومنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بۇ ھەقتە قانداق كونكرېت تەلەپلەر بار؟

  جاۋاب: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى. ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا ‹‹كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆزىتىش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ››، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، كۆزىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش ‹‹پارتكومنىڭ ئىشى››. ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا ‹‹ئەۋەتىلگەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسىدىكى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك›› دەپ تەكىتلەندى ھەم ‹‹كۆزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشى كۈچلۈك بولماي، ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن››لەرنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن پارتكومنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىشى كۆرۈنەرلىك قېلىپلاشتۇرۇلدى ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

  سوئال: پارتكومنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىدىن باشقا، ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا يەنە كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتى، ئالاقىدار ئورگانلار، تارماقلار، ئورۇنلار قاتارلىق مەسئۇلىيەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدىمۇ ناھايىتى كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىپتۇ، بۇنى كونكرېت چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز.

  جاۋاب: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا كۆزىتىش خىزمىتى ئەمەلىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتلىرىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى نۇقتىلىق تەكىتلىنىپ، مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ئۆلچىمى كونكرېت، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە ئاساسى بار بولغان كۆزىتىش خىزمىتى مەسئۇلىيەت سىستېمىسى تىرىشىپ بەرپا قىلىندى. بىرىنچىدىن، ئالاقىدار ئورگانلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى قوللاش، ئۇنىڭغا ماسلىشىش مەسئۇلىيىتى تەكىتلەندى، ‹‹بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ كۆزىتىش خىزمىتىگە ماسلاشماي ۋە ئۇنى قوللىماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ››غانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىككىنچىدىن، ‹‹كۆزىتىش گۇرۇپپىسى باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت تۈزۈمى›› تەكىتلىنىپ، كۆزەتكۈچىلەردىن ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمە بويىچە كۆزىتىش تەلەپ قىلىندى، ‹‹بايقاشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى بايقىماسلىق››، ‹‹كۆزىتىش ئەھۋالىنى ئەينەن ئىنكاس قىلماسلىق››، ‹‹خىزمەتتە ھوقۇق چېكىدىن ھالقىپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش›› قاتارلىق كۆزىتىش خىزمىتى ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان ئەھۋاللار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئۈچىنچىدىن، ‹‹كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى تۈزىتىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىرىنچى جاۋابكار بولۇش›› تەكىتلىنىپ، ئورۇنلۇق ئاساسى بولمىغان، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى رەت قىلغان ياكى تەلەپ بويىچە تۈزەتمىگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  سوئال: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىرقەدەر چوڭ تەڭشەلگەن، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز.

  جاۋاب: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلىپ، ‹‹مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى›› ھەم ‹‹مەركەز بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش››نى كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى قىلىش ئېنىق تەلەپ قىلىنغان. بۇ بەلگىلىمىدە مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان ئەسلىدىكى ‹‹يېتەكچىلىك›› مۇناسىۋىتى ‹‹رەھبەرلىك›› مۇناسىۋىتىگە ئۆزگەرتىلىپ، قارىماققا بىر سۆز پەرقلەنسىمۇ، بىراق قاتلاممۇقاتلام بېسىم ئىشلىتىش، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، شۇ ئارقىلىق يۇقىرى – تۆۋەن تەڭ ھەرىكەتلىنىش، پۈتۈن مەملىكەتنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى، مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى قائىدە – نىزام ئاساسىغا ئىگە قىلىندى.

  ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكىمۇ كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچىدىن، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىردەك بولماسلىق، خىزمىتى ئۆلچەملىك بولماسلىق ئەمەلىيىتىگە قارىتا، ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئۈستىگە ئېلىش، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئادەتتە تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۈستىگە ئېلىش›› بەلگىلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە قارىتا يېڭى ئۆلچەم چىقىرىلدى؛ ئىككىنچىدىن، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كۆزىتىش خىزمىتى ئىشخانىلىرىنىڭ دەرىجىسى بىردەك بولماسلىق، قالايمىقان تەسىس قىلىش، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشى جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ‹‹ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرى پارتكومنىڭ خىزمەت تارمىقى بولۇپ، تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدا تەسىس قىلىش›› بەلگىلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزىتىش خىزمىتى ئىشخانىسىغا ‹‹بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش›› مەجبۇرىيىتى يۈكلەندى؛ ئۈچىنچىدىن، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى باشلىقلىرى مۇقىم بولماسلىق، بىرگە بىر ھوقۇق بېرىش تەلىپى قاتارلىق مەسىلىلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹كۆزىتىش گۇرۇپپىسى باشلىقلىرىنى ھەر قېتىملىق كۆزىتىش ۋەزىپىسىگە ئاساسەن بېكىتىش ۋە ھوقۇق بېرىش›› تەكىتلەندى. بۇ بەلگىلىمىلەردە، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى تولۇق نامايان قىلىنغان، كۆزىتىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  سوئال: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا كۆزىتىش خىزمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا قانداق كونكرېت بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

  جاۋاب: بىرىنچى، ‹‹ئومۇمىي پىرىنسىپ››تا، ‹‹باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جايلار، تارماقلار، كارخانىلار ۋە ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۆزىتىپ ۋە نازارەت قىلىپ، كۆزىتىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش››نى مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەجبۇرىيىتى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىشتا چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، يوچۇق قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش بەلگىلەندى. ئىككىنچى، تولۇق قاپلاش تەلىپى بويىچە، كۆزىتىش ئوبيېكتى ۋە دائىرىسى قايتىدىن بەلگىلىنىپ، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۆزىتىشى ئاساسىدا، ‹‹ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، نايىپ ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى›› ۋە ‹‹مەركەزدىكى 

  مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ئەزالىرى، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئەزالىرى؛ مەركەز باشقۇرىدىغان دۆلەتنىڭ مۇھىم تايانچ كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئەزالىرى›› مەركەزنىڭ كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك كۆزىتىش ئوبيېكتى ۋە دائىرىسىگە قارىتا مۇناسىپ ئۆلچەملەر چىقىرىلدى. ئۈچىنچى، كۆزىتىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹ئەۋەتىلگەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسىدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزىگە قاراشلىق جايلار، تارماقلار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلاردىكى نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق ئىشلار، نۇقتىلىق مەسىلىلەر ياكى كۆزىتىش، تۈزىتىش ئەھۋاللىرىنى جانلىق، مەخسۇس كۆزىتىشى›› ئېنىق بەلگىلەندى. ئادەتتىكى كۆزىتىشكە سېلىشتۇرغاندا، مەخسۇس كۆزىتىش تېخىمۇ جانلىق بولۇپ، ئۇسۇلى ‹‹جانلىق، توغرا، قاتتىق››، رىتىمى ‹‹قىسقا، ئۈنۈملۈك، تېز››، مۇرەككەپ خىزمەت تەرتىپى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ، تەييارلىقسىز تۇرغاندا ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇ، كۆزىتىشنى تەرتىپ، ۋاقىت، ئوبيېكت قاتارلىق جەھەتلەردە قاتمال ھالەتتىكى چەكلىمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۆزىتىش سۈرئىتى ۋە رىتىمىنى تېزلىتىپ، كۆزىتىشنىڭ چۆچۈتۈش كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

  سوئال: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئىجادىيىتى دىققەتنى ‹‹بىر مەركەز››گە قارىتىش، ‹‹تۆتتە كۈچەش››نى چۆرىدەش بولدى، ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا قانداق يېڭى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى؟

  جاۋاب: دىققەتنى ‹‹بىر مەركەز››گە قارىتىش، ‹‹تۆتتە كۈچەش››نى چۆرىدەش پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلىشىدىكى بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يادرولۇق مەزمۇن، شۇنداقلا كۆزىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا. ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا ‹‹كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىش ئوبيېكتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى> ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قائىدە – نىزاملارنى يۈرگۈزۈشتە پارتىيە ئىنتىزامىغا بويسۇنۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نازارەت قىلىشى›› بەلگىلەندى ھەم پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىنى چۆرىدەپ، ‹‹تۆتتە كۈچەش››نى نازارەت قىلىشنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىدىن ئىخچاملىدى. ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا كۆزىتىش خىزمىتىدە دىققەتنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەركەزگە قارىتىش نامايان قىلىنغان بولۇپ، ھەم بۇرۇنقى كۆزىتىش خىزمىتى مەزمۇنىنىڭ زىيادە كەڭ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ھەم پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنتىزام ئارقىلىق ئۆلچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى›› بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلدى.

  سوئال: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›› كۆزىتىش خىزمىتىنى قانداق يېڭى خىزمەت ئۇسۇلى ۋە ھوقۇق چېكىگە ئىگە قىلدى؟

  جاۋاب: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا مەسىلىلەرنى بايقاشقا، چۆچۈتۈشكە پايدىلىق بولۇش ئاساس قىلىنىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بىر قىسىم ئۈنۈملۈك يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇللىرى تولۇقلىما قىلىنىپ، ‹‹رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ دەلىللەش››، ‹‹ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈش››، ‹‹مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش›› قاتارلىق ئۇسۇللار كۆپەيتىلدى، ھەم ئەسلىدىكى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان نىزامدىكى ‹‹ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش››، ‹‹مۇناسىۋەتلىك جاي (ئورۇن) ياكى تارماقتىن ئەھۋال ئىگىلەش››، ‹‹مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ياردەمگە تەكلىپ قىلىش›› قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇسۇلغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئەۋەتىلگەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسى پارتىيە تەشكىلى تەستىقلىغان باشقا ئۇسۇللار››دىن ئىبارەت ھوقۇق بېرىش خاراكتېرىدىكى ماددا قوشۇلدى. بۇ بەلگىلىمىلەر كۆزىتىپ مەسىلىنى بايقاش يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

  خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ ياخشىلىنىشى كۆزىتىپ مەسىلىنى بايقاشنى كۈچلۈك قورال بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق چېكىگە ئىگە بولغانلىقىدىن، كۆزىتىش خىزمىتىنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە كەسكىن قانات يايدۇرۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇڭا ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا ‹‹كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلىگە تايىنىپ خىزمەتنى قانات يايدۇرىدۇ، تەكشۈرۈلىدىغان رايون (ئورۇن) نىڭ نورمال خىزمەت تەرتىپىگە دەخلى قىلمايدۇ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزمەيدۇ››، ‹‹يوليورۇق سوراپ دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىدە ئۇچرىغان مۇھىم ئەھۋال ۋە مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا دوكلات قىلىش›› قاتارلىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىپ، كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، تەرتىپى تېخىمۇ ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ، ھوقۇق دائىرىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كۆزىتىش نەتىجىسىنىڭ تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىندى.

  سوئال: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا كۆزىتىش نەتىجىسىنى تەتبىقلاش جەھەتتە قانداق يېڭى بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەر بار؟

  جاۋاب: ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا كۆزىتىش نەتىجىسىنى تەتبىقلاشتىكى تەلەپ تېخىمۇ قاتتىق، بەلگىلىمە تېخىمۇ كونكرېت. بىرىنچىدىن، ئەۋەتىلگەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسى پارتىيە تەشكىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ‹‹ئەۋەتىلگەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسى پارتىيە تەشكىلى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىنى ۋاقتىدا ئاڭلاپ، كۆزىتىش نەتىجىسىنىڭ تەتبىقلىنىشىنى تەتقىق قىلىپ، قارار چىقىرىشى كېرەك›› دەپ بەلگىلەندى. ئىككىنچىدىن، ئەھۋالنى كۆزەتكەندە ‹‹قوش قايتۇرما ئىنكاس قىلىش›› يولغا قويۇلدى. ‹‹ئەۋەتىلگەن كۆزىتىش گۇرۇپپىسى پارتىيە تەشكىلى قوشۇلغاندىن كېيىن، كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئاساسلىق مەسئۇللىرىغا كۆزىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئايرىم – ئايرىم ئىنكاس قىلىپ، مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ، تۈزىتىش پىكرىنى قاراتمىلىق ئوتتۇرىغا قويسا بولىدىغانلىقى›› ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچىدىن، تۈزىتىش ئەھۋالىنى ‹‹قوش دوكلات قىلىش›› بەلگىلەندى. ‹‹كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتۇرما ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چوقۇم ئەستايىدىل تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى ئاي ئىچىدە تۈزىتىش ئەھۋالى ۋە ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ۋاقتىدا كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىغا يوللاپ بېرىشى›› تەلەپ قىلىندى. تۆتىنچىدىن، كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىغا بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى يۈكلەندى. ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە مۇۋاپىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ، كۆزىتىلىدىغان رايون (ئورۇن) نىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىشى، ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا دوكلات قىلىشى›› تەكىتلەندى. بەشىنچىدىن، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى كۈچەيتىلدى. ‹‹كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كىرىپ ئورۇنلىشىش، قايتۇرما ئىنكاس قىلىش، تۈزىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوقۇم مۇۋاپىق شەكىلدە ئاشكارىلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بەلگىلىمە كۆزىتىش نەتىجىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەتبىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نوپۇزىنى ئاشۇردى، كۆزىتىش تۈزۈمىنىڭ كەسكىن ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈردى.

  سوئال: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟

  جاۋاب: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن كۆپ قېتىم كۆرسەتمە ۋە تەستىقىي يوليورۇق بەردى، يەنى، 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)›› قاراپ چىقىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى توغرىسىدا تەستىق سالدى؛ 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆز قىلىپ، نىزامنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹بەش كىشىلىك گۇرۇپپىسى››نىڭ 2015 – يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، نىزامنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى؛ 8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يوللىغان ‹‹<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى>نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىنىڭ ئاساسلىق روھى ۋە پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش دوكلات تېزىسى››غا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجى ۋاڭ چىشەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، نىزامنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك، دەپ تەستىقىي يوليورۇق بەردى. بۇ مۇھىم كۆرسەتمىلەر ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ‹‹<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى>نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزدى، 8 – ئاينىىڭ 29 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئىجرا قىلىشقا تارقىتىپ بېرىلدى.

  سوئال: ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەمسىز؟

  جاۋاب: ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› جەمئىي ئۈچ قىسىم، 12 ماددا بولۇپ، 1 – قىسمىدا، ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش، كۆزىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسىي قوللانمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈلدى.

  2 – قىسمىدا، ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ئۈچ جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نىزامنىڭ ماددىلىرىنى تەپسىلىي ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭى ۋە تەشكىلىي ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى ۋە نازارەت قىلىشقا پائال قاتنىشىشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتى ۋە كۆزىتىش كادىرلىرى چوڭقۇر، سىستېمىلىق، سىجىل، تەكرار ئۆگىنىپ، كۆزىتىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى تەتبىقلاپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى نىزامنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىشلىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش، تەشكىلات، كادىرلار خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئۆگىنىش شەكلىنى بېيىتىش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى ئۆگىنىشنى ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدىكى مۇھىم يۈرۈشلۈك بايانلىرىنى ئۆگىنىش، شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى، تەستىقىي يوليورۇقلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى، پارتگۇرۇپپا يىغىنى، مەخسۇس تېمىلىق يىغىن، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاز بولغاندىمۇ بىر قېتىم مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىشقا تەشكىللەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى ۋە مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتلىرى ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى مۇھىم دەرسلىك مەزمۇنى قىلىپ، بۇ يىلقى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئاساسلىق سىنىپلاردىكى كۇرسانتلارغا ئاز بولغاندىمۇ ئىككى سائەت دەرس ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدا چۈشەندۈرۈشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، جامائەت پىكرى كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش. شىنجاڭ گېزىتى ۋە شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ‹‹پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا››، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ‹‹يېڭىچە ئىستىل قىزىق لىنىيەسى››، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹بۈگۈنكى خەۋەرلەر››، تەڭرىتاغ تورى ‹‹پاكلىق قانىلى››، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى تور بېكىتى، ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئۈندىدار سۇپىسى مەلۇم مەزگىلگىچە بىر تۈركۈم نوپۇزلۇق يەشمە ۋە تەسىرات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى ئۆگىنىش ئەھۋالى، ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىنى توغرا، جانلىق، ئۈنۈملۈك تەشۋىق قىلىپ، ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە كۆزىتىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەھمىيەت بېرىدىغان، كۆزىتىش خىزمىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، كۆزىتىش خىزمىتىگە تەرتىپلىك قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرىدۇ.

  3 – قىسمىدا، كۆزىتىش خىزمىتىنى قانداق كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئالتە تەرەپتىن شەرھلەندى. بىرىنچى، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېلەر يىلدىكى نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايوندىكى 217 ئورۇننى بىر قېتىم كۆزىتىپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ يىل ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە(شەھەر)، رايونلارنى مەركەزلىك كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېلەر يىلى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە(شەھەر)، رايونلارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.

  ئىككىنچى، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ‹‹ئالتە چوڭ ئىنتىزام››غا زىچ باغلاپ، كۆزىتىلىۋاتقان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان – قىلمىغانلىقى؛ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغان ياكى ئىزچىللاشتۇرمىغانلىقى؛ پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلغان – قىلمىغانلىقى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن – ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن – ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى، ‹‹تۆت خاھىش›› جەھەتتە يەنە قانداق كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىرىنىڭ بارلىقى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىسىگە بويسۇنغان – بويسۇنمىغانلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك ئەھۋالىنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقى؛ ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى، پىرىنسىپسىز نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق چىرىكلىك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرىدۇ.

  ئۈچىنچى، كۆزىتىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشىلاش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قەرەللىك كۆزىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، مەخسۇس كۆزىتىش ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ، ‹‹بىرنى ئىككىگە ھاۋالە قىلىش››، ‹‹بىرنى ئۈچكە ھاۋالە قىلىش››، ‹‹بىرنىN غا ھاۋالە قىلىش›› قاتارلىق ئۇسۇللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساھە، تۈرلەرگە بۆلۈپ كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ئىش، نۇقتىلىق ئادەم ۋە نۇقتىلىق مەسىلىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دوكلات ئاڭلاش، ئايرىم پاراڭلىشىش قاتارلىق ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا بەلگىلەنگەن 12 خىل ئاساسىي ئۇسۇل ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەستىقلىغان باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مۇھىم ئەھۋالى ۋە بەلگىلىمە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنىڭ يىپ ئۇچىنى ئىگىلەپ ۋە توپلاپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى بايقاشنىڭ ئاۋانگارتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلىغا ئايلاندۇرىدۇ.

  تۆتىنچى، بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2010 – يىلى ئېلان قىلىنغان ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)››غا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كۆزىتىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ‹‹كۈزىتىش خىزمىتى نىزامى››دا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىسى، ھوقۇق چېكى بويىچە كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. كۆزىتىلىدىغان رايون (ئورۇن) نىڭ نورمال خىزمىتىگە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزمەيدۇ. يەنە يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ. خىزمەتتە ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىغان، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، كۆزىتىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

  بەشىنچى، كۆزىتىش نەتىجىسىنى تەتبىقلاشنى كۈچەيتىش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بايقىغان مەسىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ ھەل قىلىش تەكلىپىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئابستراكت يىغىنچاقلاپ، ئومۇمىي مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ساۋاقلارنى خۇلاسىلەپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنىڭ چارە – تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلىگە ئەھۋالنى ئەينەن قايتۇرما ئىنكاس قىلىدۇ، ئىنكاس پىكرىنى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى قول قويۇپ تاپشۇرۇۋالىدۇ. كۆزىتىلىدىغان ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلى كۆزىتىش خىزمىتى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىگە ئاڭلىق ماسلىشىپ، قايتۇرما ئىنكاس پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئاساسلىق مەسئۇللارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئىككى ئاي ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىغا يوللىشى كېرەك؛ تۈزىتىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، پارتىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلە ۋە يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى ھەم ئۈچ ئاي ئىچىدە بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىغا ئىنكاس قىلىپ، ھەر بىر مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەر بىر مەسىلىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى كېرەك.

  ئالتىنچى، كۆزىتىشتىكى تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتىنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا كۆزىتىش خىزمىتى دوكلاتى ۋە ‹‹بەش كىشىلىك گۇرۇپپا››نىڭ كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قەرەللىك ئاڭلاش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىدىكى چوڭ مەسىلە ۋە مۇھىم ئىشلارنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسى كۆزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ تۈرلۈك كاپالەت، قوللاش ۋە ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ؛ كۆزىتىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش ئاپپاراتى تەشكىلىي سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى، ئەرزىيەت قاتارلىق تارماقلار ۋە باشقا ئورۇنلار ‹‹كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۇچۇر، خادىم ۋە كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردىن پائال قوللاپ، پارتكوم كۆزىتىش ئاپپاراتى بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىدىكى بىرىكمە كۈچنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش ئىشخانىسى ۋە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى، ئىقتىدارى، ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۆزىتىپ، سادىق، پاك، زىممىسىگە ئالالايدىغان، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم كۈزەتكۈچى كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر