باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.10.20 15:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 19 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، «كۈيتۈن - مايتاغ - ئۈرۈمچى» رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە دائىر مەسىلىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاۋ شيا «<كۈيتۈن - مايتاغ - ئۈرۈمچى> رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش مۇھىتىنى قانداق ياخشىلاش كېرەك» توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى بويىچە ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. دېڭ خۇڭ، تۇرسۇن مەنسۇر، بو شياۋ، سۈن ۋاڭشېڭ، يۇ چىڭخې، قەيسەر ئابدۇقادىر، شېن دېيىڭ، چۇەن تىمىن، ۋاڭ جيەن، غەيرەت بارات، جياۋ گۇاڭخۇي، ئەكبەر سىدىق قاتارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.

  كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بىراق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە كۈچەيتىش زۆرۈر بولغان جايلار يەنىلا كۆپ. «كۈيتۈن - مايتاغ - ئۈرۈمچى» رايونىنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، بۇ رايوندا سۇ بايلىقى قىس، رايون ھاۋا سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش، مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش مۇھىتى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇشتەك مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارمۇ كۈندىن - كۈنگە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. يىغىن ئىشتراكچىلىرى «كۈيتۈن - مايتاغ - ئۈرۈمچى» رايونىنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە مۇھىت تەسىرى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، «كۈيتۈن - مايتاغ - ئۈرۈمچى» رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن مۇھىم ۋەزىپە، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش مۇھىتى ياخشىلاپ، «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىغا شارائىت ھازىرلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە مەخسۇس كومىتېتلار، بولۇپمۇ «كۈيتۈن - مايتاغ - ئۈرۈمچى» رايونىغا ئالاقىدار ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر) لىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، مۇھىت ئاسراشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، بادەي يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر