خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-چېسلا، ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى قارلىغاچ جودۇچە چىلىشىش تۈرىنىڭ ئاياللار 70 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن تېرىنېرلار ئۆمىكى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەمىنلىگەن)
18-چېسلا چۈشتىن كىيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئىلى فۇجۇ خەيشيادىكى ئولىمپىك مەركىزىي تەنھەرىكەت مەيدانىدا تۇتاشتۇرۇلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر قىزىل رەڭلىك تەنھەرىكەت كىيىمىنى كىيىپ، دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدەتكىنىچە، رەئىس سەھنىسىگە قاراپ ماڭدى. چېلىشىش ماھىرى ئالىمجان ئابدۇرىشىت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقدارى بولدى.
بۇ قېتىملىق ياشلار تەنھەرىكەت يىغىنىغا 26 چوڭ تۈرلۈك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكى يىنىك ئاتلىتكا، ۋىلىسپىت مىنىش، پۇتبول قاتارلىق 12 چوڭ تۈر، 18 تارماق تۈر ۋە 108 كىچىك تۈرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە جەمئىي 165 نەپەر تەنھەرىكەت ماھىرى بىلەن قاتناشتى. ئاياللارنىڭ قۇملۇق ۋالىبول، تەيچۇەنداۋ، چېلىشىش، جۇدۇ قاتارلىق تۈرلىرى ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەنئەنىۋى شۇنداقلا ئەۋزەللىكى بار تۈرلەر بولۇپ، مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈش، ئالتۇن مېدال ئېلىش پۇرسىتى بار.17-چېسلا، باشلىنىش مۇراسىمىدىن بىر كۈن ئاۋۋال، جۇدۇچە مۇسابىقە مەيدانىدىن خۇشخەۋەر كەلدى ــ ئاياللار 70 كىلوگراملىقلار بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان قازاق تەنھەرىكەت ماھىرى قارلىغاچ ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت يىغىنىدا تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.
«بۇ تۇنجى قېتىملىق ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشالىغانلىقىمدىن شۇنداقلا مۇسابىقىدە يېڭىپ چىقالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن» دېدى قارلىغاچ.
قارلىغاچ ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا تەنھەرىكەتچى ئابدۇۋەلىمۇ تىرىشىپ ئەرلەر 81 كىلوگراملىقلار جۇدوچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئېرىشتى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەرىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى