- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدە ئۈچ يەردىكى ساختا تۇز ئۇۋىسى تەكشۈرلۈپ، 200 توننىدىن ئارتۇق ساختا تۇز قولغا چۈشۈرۈلدى
2015.10.19 13:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇز ئىشلىرى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى تۇز ئىشلىرى شۆبە ئىدارىسى ج خ ئورگىنى بىلەن بىرلىشىپ، ئۈرۈمچىدە ئۈچ يەردىكى ساختا تۇز ئۇۋىسىنى تەكشۈرۈپ، 200 توننىدىن ئارتۇق ساختا تۇزنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى. بۇ ئۈرۈمچىدىكى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىر قېتىملىق قولغا چۈشۈرگەن مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ساختا ناچار ئاش تۇزى دېلو ھىسابلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇز ئىشلىرى ئىدارىسى تۇزچىلىق باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ خىل ساختا ناچار ئاش تۇزى بازاردا سېتىلىۋاتقان ئاش تۇزى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بۇلۇپ، ئىستىمالچىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشى بىر قەدەر تەس ئىكەن.
ئۈرۈمچى تۇز ئىشلىرى شۆبە ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇشاۋدوڭ ئىستېمالچىلار مۇنداق ئەسكەرتىدۇ : تۇز سېتىۋالغان ۋاقتىدا ئاش تۇزى پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى بار چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازىرى قاتارلىق تىجارەت تور نۇقتىسىدىن سېتىۋېلىش لازىم.ئەگەر ئىستېمال جەريانىدا ساختا تۇز ياساش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بايقىسا 0991-3135608 گە تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر