باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇلدى، 115 كىشى مۇتەخەسىس ئاممىغا يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىدۇ

2015.10.19 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى رەسمىي قۇرۇلغان بۇلۇپ، 115 مۇتەخەسىس بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىك ئۈچۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يولغا قويۇشقا بولىدىغان پىكىر – تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى 115 نەپەر مۇتەخەسسىس ئارىسىدىن53 نەپەر ئەزا تەكلىپ قىلغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، چوڭ - چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە تەدبىر بەلگىلەشكە تەكلىپ بېرىش؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، تەربىيەلەش كۇرسى، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ۋە جامائەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى، مۇجىمەللىكلەرنى يېشىش، چوڭ جامائەت پىكرى ۋەقەسىگە ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر