باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆينى ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى تۆۋەنلىتىلدى

2015.10.19 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى سىياسىتدىن كىيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي - زېمىن بازىرىدا يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭ بويىچە ئۆينى ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى تۆۋەنلىتىلدى، يېڭى ئۆينىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى ھەر كۋادرات مېتىرى بىر يۈەن ، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى ئىككى يۈەن تۆۋەنلىتىلدى. بۇ « ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى مالىيە نازارىتى ئۆينى ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تىكى تەلەپ. بۇ ئۇقتۇرۇش 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي سودىسىدىكى ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەرەپ ( ساتقۇچى تەرەپ ) ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ساقلانما ئۆي سودىسىدىكى ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققىنى ئىككى تەرەپ 50پىرسەنىتتىن تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ۋارىسلىق قىلغان، ۋەسىيەت قالغان، تويلىشىش مۇناسىۋىتى ياكى باشقا قانۇنىي شەكىل بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ئۆينىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر