باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ گوجىڭ: شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەيمەن

2015.10.16 10:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لايىھەلىگۈچى جاڭ گوجىڭنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسىڭىز، گويا ساپال سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. ئۈستەل ۋە تامنىڭ بۇلۇڭلىرىغا ساپالدىن ياسالغان چوڭ – كىچىك ئادەم ھەيكىلى، شىنجاڭنىڭ مېۋە – چىۋىلىرى ۋە يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ تەقلىدىي بۇيۇملىرى تىزىۋېتىلگەن، تام بويلاپ قويۇلغان ئىشكاپقا تىزىلغان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت پېرسوناژلىرىنىڭ تۇرقى ھەر خىل، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن ساپال ھەيكەللىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ.

  جاڭ گوجىڭ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۈنەر – سەنئەت كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىزچىل سەنئەت بىلەن رېئال تۇرمۇش ئارىلىقىدا ئەركىن كېزىپ يۈردى. كۆزى ئۆتكۈر جاڭ گوجىڭ 2000 – يىلى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك بازىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق ساياھەتچىلىك ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى بازىرى نىسبەتەن قالاق بولۇپ، بازاردا ئاساسلىقى گىلەم، دوپپا، پىچاق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭلا سېتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. جاڭ گوجىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق، شەكلى يېڭى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ساپال ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنى لايىھەلەش، ياساشقا كىرىشتى. بۇ ئەسەرلەر يۇمۇرىستىك ھەم ئۆزگىچە مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن، خۇشال روھىي ھالىتى ۋە يۇمۇرلۇق، ئۈمىدۋار خاراكتېرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنىپلا ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت بۇيۇملىرى سودىگەرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى جاڭ گوجىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ ساياھەت ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى، كۆپلىگەن سودىگەر ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالدى.

  جاڭ گوجىڭ 2005 – يىلى ئاچىسى جاڭ گوسۈي بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدە غەربىي دىيار ساياھەت مەدەنىيەت شىركىتىنى قۇردى ھەم ‹‹باي قەبىلىسى›› تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى. مەھسۇلاتىنىڭ داڭقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. جاڭ گوجىڭ مەھسۇلات ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ پىششىقلىغۇچى كارخانا ئىزدەپ، ئاخىرىدا چۈەنجۇ شەھىرىدىن ھەمكارلاشقۇچى بىر كارخانىنى تاللىدى. مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، يېڭى باش قېتىنچىلىقى پەيدا بولدى، يەنى، بازاردا ساختا ‹‹باي قەبىلىسى›› ساياھەت ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى ئاۋۇپ كەتتى، ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن سودا تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەرەپتىن ساختا بۇيۇملارغا زەربە بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە يېڭى مەھسۇلاتلارنى لايىھەلىدى.

  جاڭ گوجىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ناھايىتى ھەۋەس قىلاتتى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاشۇ رەڭدار، نەپس، شەكلى ئۆزگىچە كەشتە بۇيۇملىرىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى. ئۇ ۋاقتى بولسىلا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كەشتە نۇسخىلىرىنى توپلاپ رەتلىدى. 2014 – يىلى ئەنئەنىۋى كەشتە نۇسخىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ يېڭى ساياھەتچىلىك ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇمى ‹‹خۇرجۇن››نى لايىھەلەپ، كاناپ يۈرۈشلۈك سومكىلىرىنى ئىشلەپچىقاردى. جاڭ گوجىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇردى، ‹‹خۇرجۇن›› يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىمۇ شۇ يىللىق ‹‹شىنجاڭ سوۋغىسى›› تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر