باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۈزەلنۇرنىڭ «تۇخۇم» پەلسەپەسى

2015.10.16 09:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تۇخۇم ئىچىدىن يېرىلسا ھاياتلىقتىن، سىرتىدىن يېرىلسا يېمەكلىكتىن دېرەك بېرىدۇ». بۇ ھېكمەتلىك سۆز گۈزەلنۇر ئەنۋەرنىڭ كىشىلىك ھايات پەلسەپەسى بولۇپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدىن ئەنخۇيغا بېرىپ ئوقۇشىغا ئىلھام بولدى، ھازىر ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئاپتوموبىل سانائىتى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولدى. ئۇ كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى ئارزۇسى ئۈچۈن ئاتلانغانىدى.

  29 - سېنتەبىر سائەت 5 يېرىمدا، مەن گۈزەلنۇر ئەنۋەر بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلەشتىم. تېلېفوندىن يېقىملىق، يۇمشاق ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ دەرسى يوق بولۇپ، زىيارەتنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  گۈزەلنۇر ئۆزىنىڭ «تۇخۇم» پەلسەپەسى بىلەن سۆزىنى باشلىدى. «تۇخۇم ئىچىدىن يېرىلسا ھاياتلىقتىن، سىرتىدىن يېرىلسا يېمەكلىكتىن دېرەك بېرىدۇ». گۈزەلنۇر قاچاندىن باشلاپ بۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ تېگىگە يەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالالمىدى، بۇ سۆز ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، ئۇنى «ئالغا ئىلگىرىلەش ئارزۇسى»غا يەتكۈزدى. 

  ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش، سەرخىل ئۆزگىرىش

   گۈزەلنۇر ئەنۋەر 1992 - يىلى شىنجاڭ تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيەسى پىچان يېزىسى ماچاڭ كەنتىدىكى ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. نامرات ئائىلىنىڭ بالىلىرى بالدۇر ئىشقا يارايدۇ. نامرات ئائىلە مۇھىتىدا گۈزەلنۇر كىچىكىدىن باشلاپلا ناھايىتى ئىش ئۇقۇدىغان، ئائىلىسىگە كۆيۈنىدىغان بالا بولدى، ئۇ بەش ياش ۋاقتىدىن باشلاپ تاماق ئېتىشنى ئۆگەندى، ئاتىسىغا ئەگىشىپ قوي باقتى، ئۈزۈم ئۈزۈشنى ئۆگەندى، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا ئۇ ئېتىزنىڭ، ئائىلىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى دېگۈدەك قىلالايدىغان بولدى.

  «كىچىك ۋاقتىمدا، مەن سىرتقى دۇنيانى كۆرۈپ بېقىشنى ئارزۇ قىلاتتىم». سىرتقى دۇنياغا بولغان ئىنتىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە، 15 ياشلىق گۈزەلنۇر تىل توسالغۇلىرىنى يېڭىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن تيەنجىن شەھەرلىك «خۇيشەن» يولى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى. گۈزەلنۇرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، 2007 - يىلىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا، مەكتەپ بويىچە 100 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى 30ى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا تىزىملىتىپ ئىمتىھان بەرگەن بولۇپ، گۈزەلنۇر قاتارلىق ئۈچ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان ئىكەن.

  گۈزەلنۇر تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن ئايرىلىپ، 48 سائەت پويىزغا ئولتۇرۇپ تيەنجىنگە كەلدى. ئايدىڭكۆل بويىدىن دېڭىز بويىغا كېلىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى تۆت يىللىق ئوقۇش گۈزەلنۇرنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى يېڭى باشلىنىش بولۇپ قالدى. تيەنجىنگە كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، گۈزەلنۇر باشقا ساۋاقداشلىرىغا ئوخشاشلا ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ ھاۋاسىغا كۆنەلمەسلىك، سۈيى ياقماسلىق، تىل ئۇقماسلىق، بىلىم ئاساسىي ئاجىز بولۇشتەك ھەر خىل خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، گۈزەلنۇر پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەپ، يىپيېڭى مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلدى، ئۇنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ئۆسۈپلا قالماستىن، يەنە ئىپادىلەش ئىقتىدارىمۇ ئاشتى. 2011 - يىلى، گۈزەلنۇر ئاخىرى ئەلا نەتىجە بىلەن ئەنخۇي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى.

  گۈزەلنۇر ئەنخۇي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تۆت يىللىق ئۆگىنىش ئارقىلىق تېز ئىلگىرىلىدى، ئۇ خەنزۇچىنى راۋان سۆزلەپلا قالماستىن، يەنە ئىنگلىز تىلى، شياڭشېڭ ئەلنەغمىسى، قاپىيە ئېيتىش قاتارلىقلارنىمۇ تىرىشىپ ئۆگەندى. گۈزەلنۇر ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېڭى تىل ئۆگىنىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنى چۈشىنىش ھەم ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇش ھەۋىسى ھەم ئۆزىنىڭ چەكسىز كەلگۈسى ئۈچۈن قىلغان تەييارلىق ئىدى.

  مەن سۆزلىشىش جەريانىدا گۈزەلنۇرنىڭ مىجەزىنىڭ تولىمۇ مۇلايىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، پەرقنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، جۈملىدىن ھەممە ئىشنى سىناپ باققۇسى كېلىدىغان قىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئىچكىرىدىكى شنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا، گۈزەلنۇرنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئوتتۇرا - يۇقىرى سەۋىيەدە ئىدى، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ئۆزىنى سەل تۆۋەن كۆرگەنىدى، نەتىجىسى باشقىلاردىن تۆۋەن، نەزەر دائىرىسى باشقىلارنىڭكىدەك كەڭ ئەمەس، ئائىلىسى نامرات بولۇشتەك تۈرلۈك بېسىملار ئالدىدا، ئۇ دائىم «تۇخۇم پەلسەپەسى»ئارقىلىق ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرىلىدى.

  ئالىي مەكتەپكە ئەمدىلا ئۆتكەندە، ئۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاددىي جەدۋەل تۈزەشنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ قەيەرنى بىلمىسە، شۇ يەردىن باشلاپ ئۆگەندى. گۈزەلنۇر دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تورخانىغا بېرىپ، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى. ھەر مەۋسۇمدە ئۆزى ئۈچۈن ئۆگىنىش نىشانى بەلگىلەپ، بىر مەۋسۇمدە ئون ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشنى قاتتىق ۋەزىپە قىلدى. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە»، گۈزەلنۇر تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، قىسقا ۋاقىتتا ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان ئارىلىقنى كىچىكلەتتى. ئۇ ئۆگىنىش جەھەتتىكى ئارىلىقنى كىچىكلىتىپلا قالماستىن، يەنە ھېسسىيات جەھەتتىكى ئارىلىقنىمۇ كىچىكلەتتى. ئەنخۇينىڭ ھاۋاسى ۋە تۇرمۇشىغا كۆنەلمىگەنلىكتىن، گۈزەلنۇر ئىلگىرى ئىنتايىن جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. مەسىلەن، ئوخشاشلا ياتاقتا ياتسىمۇ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغان ۋاقىتتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىن كەلگەن بولۇپ، تۇرمۇش ئادىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىدى، ئالىي مەكتەپتە، ئۇ تۇنجى قېتىم مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساۋاقداشلار بىلەن بىللە ياشىدى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق پەرقلەر سەۋەبىدىن ئۇ ئانچە كۆنەلمىدى. گۈزەلنۇر ئەنخۇي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى، شۇ چاغدا گۈزەلنۇر قاتارلىق ئالتە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغانىدى. گۈزەلنۇر پىسخولوگىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغاچقا، ئۇ ئۆزى يالغۇز كونا مەكتەپ رايونىدا ئوقۇدى، باشقا بەش ئوقۇغۇچى يېڭى مەكتەپ رايونىغا تەقسىم قىلىندى. «شۇ چاغدا كەسىپ تەڭشەشكە ئىلتىماس قىلغان بولسام، مەن باشقا شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئوقۇغان بولاتتىم، لېكىن مەن يەنىلا ئۆز تاللىشىمدا چىڭ تۇردۇم»، دېدى گۈزەلنۇر. ئۇنىڭ ئارزۇسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئىدى، ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى تولدۇرغاندا، ئۇ ھەممە ئارزۇسىغا پېداگوگىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تاللىدى، پىسخولوگىيە كەسپى بولسا ئۇنىڭ بىرىنچى تاللىشى ئىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، پىسخىكا مەسلىھەتچىسى مۇئەللىمى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەتنىڭ تەسىرىدە، گۈزەلنۇردا پىسخولوگىيە كەسپىگە بولغان ئالاھىدە ئىشتىياق شەكىللەندى. ئۇ پىسخولوگىيە كەسپى ئارقىلىق كىشىلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقە قىلغىلى، ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا پىسخولوگىيەگە بولغان قىزىقىش شەكىللەندى.

  گۈزەلنۇر ئۆز پىكرىدە قەتئىي چىڭ تۇردى. گۈزەلنۇر مەسىلىلەرنى بايقاشقا ۋە تىرىشىپ ھەل قىلىشقا ماھىر قىز بولۇپ، پىسخولوگىيە كەسپى ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى ياردەمچى بولدى، ئۈزلۈكسىز پىكىرلىشىش ۋە ماسلىشىش ئارقىلىق، گۈزەلنۇر ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىنتايىن چىقىشىپ كەتتى ھەم مەكتەپتىكى ئاكتىپلاردىن بولۇپ قالدى. ئالىي مەكتەپ جەريانىدا، سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ھەر يىلى «قۇربان ھېيت»تا ئۆزلۈكىدىن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش تەشكىللەپ، گۈزەلنۇر بىلەن بىللە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزدى.

  قىزغىنلىق بىلەن جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش

  ئىچكىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ماسلىشىۋالغان گۈزەلنۇر ئەنخۇينى ياقتۇرۇپ قالدى. ئەنخۇيچە قۇرۇلما ۋە ئۇ جاينىڭ مول مەدەنىيەت ئاساسى ئۇنىڭ بىلىم ئىشقىدا توختىماي ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. گۈزەلنۇر داۋاملىق ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

  گۈزەلنۇر مۇنداق دېدى: ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش خىراجىتى ئېلىنمايدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلدا ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلى ئۈچۈن 6000 يۈەن ئاجراتتى، بۇ ماڭا ئوخشاش ئائىلە ئىقتىسادىي ئانچە ياخشى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كىچىكىمدىن باشلاپ ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ياردىمىدە بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتىم، بالىلىق چاغلىرىمدىلا باشقىلارغا مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى ئويلايتتىم، شۇڭا ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن بۇ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئىزدەندىم.گۈزەلنۇر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق مەكتەپ ئاشخانىسىدا خالىس ئىشچى بولۇپ، كۈندە ساۋاقداشلىرىغا شورپا ئۇسۇپ بەردى. ئۇ پىسخولوگىيە كەسپىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىدىن باشلاپ، ھەر شەنبە كۈنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشتى. ئۇ گەرچە ئوقۇغۇچى بولسىمۇ، ھېچقانچە بايلىقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىككىنە ئىش - ھەرىكىتى، ئىللىق تەبەسسۇمى، سەمىمىي تىلەكلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزدى.

  گۈزەلنۇر 2011 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە «قەلب مەدەتكارى» مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۆگەنگەن كەسىپتىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىكا ساغلاملىقى قاتارلىق پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەردى ھەم ئوقۇغۇچىلارنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلىدى. گۈزەلنۇر يەنە «مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پوسۇلكىسى» پائالىيىتىگە تۆت يىلدىن بۇيان ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلدى. گۈزەلنۇر ئەڭ دەسلەپتىكى قاتناشقۇچىدىن ھازىرقى تەشكىللىگۈچىگە ئايلانغىچە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە كوچىلارغا چىقىپ، شەھەر ئاھالىسىنى ئىئانە قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، چەت، يىراق، تاغلىق رايوندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلدى. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر خىرىس، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۆگىنىش ئىدى. گۈزەلنۇر مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوبرازىنى تىكلەپ، جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى.

  ئەنخۇي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تۆت يىلدىن بۇيان گۈزەلنۇر جەمئىي 480 ئوقۇغۇچىغا مۇلازىمەت قىلغان، بۇنىڭ ۋاقتى 1000 سائەتتىن ئاشقان، پىدائىيلار ئەترىتىدىن بەشنى قۇرغان. بۇ سان ۋە نەتىجىلەر مەكتەپكە نىسبەتەن كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى.گۈزەلنۇر ئالىي مەكتەپتىكى تۇرمۇشىنى «مۇكەممەللىشىش، داۋاملاشتۇرۇش، بەھرىلىنىش» دېگەن سۆزلەرگە يىغىنچاقلىدى. ئۇ بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6:30دا ئورنىدىن تۇرۇپ، كەچتە سائەت 12دە ياتتى. كۈندە دەرسكە قاتناشقاندىن سىرت، ھەر كۈنى كەچتە بىر، ئىككى سائەت ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، تۇرمۇش خىراجىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان تۆت يىل جەريانىدا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىقتىسادىي ئېغىرچىلىق سالمىدى. تېجەشلىك بولۇش ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان بولۇپ، خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەزەلدىن قالايمىقان كىيىم - كېچەك سېتىۋالمىدى.

  قىيىنچىلىق گۈزەلنۇرنى تېخىمۇ غەيرەتلىك، مۇستەقىل، قەيسەر قىلىپ يېتىشتۈردى، ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۇنىڭدا ئاددىي - ساددا، ئاق كۆڭۈل، قىزغىن خاراكتېر يېتىلدۈردى. ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. گۈزەلنۇر ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئالىي مەكتەپ لېي فېڭ سىنىپىنىڭ تۇنجى سىنىپ باشلىقى، ئەنخۇي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ، ئىلىم - پەن ئىنستىتۇتى «قەلب مەدەتكارى» مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، سىنىپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار پىسخولوگىيە تەتقىقات ئۇيۇشمىسى پىلان بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئۇ يەنە ئەنخۇي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چىققان تۇنجى جۇڭگو ئىستۇدېنتلىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىسى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ «ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى ئون ياخشى ئىستۇدېنت» مۇكاپاتىغا، ئەنخۇي ياشلار «4 - ماي» مېدالىغا ئېرىشتى. 2012 - يىلى 12 - ئايدا، گۈزەلنۇر شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى.

  23 ياشقا كىرگەن گۈزەلنۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆزنى چاقنىتىدىغان بۇنداق شەرەپلەرنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئىچكىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن سەككىز يىللىق ھايات مۇساپىسى بار ئىدى. بۇ كەچۈرمىشلەرگە ئۇنىڭ قان - تەرى سىڭگەن شۇنداقلا بۇ كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ شاھىتى.

  ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىش

   2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، گۈزەلنۇر ئالىي مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىغا قەدەم قويدى. ئۇ پىراكتىكىغا چىقىش ئالدىدا، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئاپتوموبىل سانائىتى مەكتىپى ئۇنى تەكلىپ قىلدى، مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى شۈ لى ئەنخۇي پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا بېرىپ، ئۇنى ئۆزى تاللاپ كەلدى.گۈزەلنۇر بۇ مەكتەپتە ئاساسلىقى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئارخىپىنى تۈزۈش ھەم ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل ئىدى.

  گۈزەلنۇرنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە ئىقتىدارى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئاپتوموبىل سانائىتى مەكتىپىگە بىۋاسىتە خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. ھازىر ئۇ ئىككى سىنىپقا ئەدەبىيات دەرسى ئۆتىدۇ، يەنە بىر سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى بولدى.

  ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش خىزمەت، گۈزەلنۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن، دەم ئېلىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. مەكتەپ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىللە تۇرۇش، بىللە ئۆگىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقتىن، ئۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشى تەربىيەسىگە بەكرەك كۈچىدى، ئۇ تۈرلۈك شەكىلدىكى تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى بىلدۈردى.

  گۈزەلنۇر ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب دۇنياسىغا ئاسانلا ئىچكىرىلەپ كىرەلىدى، پىسخولوگىيە كەسپى ئۇنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. گۈزەلنۇر ئوقۇتۇش داۋامىدا، دەرسلەرنى بالىلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيۇش شەكلىنى قوللانماستىن، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالىلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردى.

  ھازىر گۈزەلنۇر ئەنخۇينىڭ تۇرمۇشىغا تامامەن كۈنۈپ كەتتى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇ بۇ جايدا شىنجاڭنىڭ جارچىسى بولۇشنى خالىدى. ئىچكىرىدىكى سەككىز يىللىق ئوقۇش، ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى ۋە ئۇنىڭدا بۈيۈك ئارزۇ - ئارمانلارنى پەيدا قىلدى. گۈزەلنۇرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ساۋاقداشلىرىنى گۈزەل شىنجاڭدا ساياھەت قىلدۇرۇشتىن باشقا، يەنە بىر چوڭ پىلانى بار، ئۇ بولسىمۇ پىسخولوگىيە كەسپىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ، شىنجاڭنى ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ بارلىق جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىشتىن ئىبارەت. ئۇ كەلگۈسى سەپەرگە تولۇق ئىشەنچ باغلىدى.

  «گەرچە يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ، يىراقتا ياشاۋاتقان بولساممۇ، ئەمما يۇرتۇمنى ھېچقاچان ئېسىمدىن چىقىرىپ قويغىنىم يوق، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنىممۇ بولمىغان بولاتتى، ياخشى سىياسەت مېنى تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، مېنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى، مەيلى قەيەردە بولۇشىمدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭ مېنىڭ يۇرتۇم»، دېدى گۈزەلنۇر مىننەتدار بولغان ھالدا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر