باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوپېرا «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئوينالدى

2015.10.15 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى ئىجاد قىلغان چوڭ ئوپېرا«مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» 14- ئۆكتەبىر كەچتە شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئوينالدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى ئوپېرا « مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان »نى ئېلىپ، شىنجاڭغا كېلىپ، ھال سوراش ئويۇنى قويدى.ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لۈ شىۋېن بىللە ئويۇننى كۆردى.

  «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ئوپېراسى 60- يىللاردىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان شۇ ناملىق كىنودىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بۇلۇپ، ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدە شىنجاڭ چېگراسىدىكى چېگرا جەڭچىسىنىڭ بۇرۇنقى مەشۇقىنى ئىزدەش جەريانىدىكى ئىشپىيونلارغا قارشى جىددى ۋە خەتەرلىك كۈرەش ھېكايىسى بايان قىلىنغان بۇلۇپ، قەھرىمانلارنىڭ ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە قۇربان بېرىش روھى مەدھىيلەنگەن، ساپ دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىغان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى كۈيلەنگەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر