باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپلەردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ مەكتەپ ئالماشقانلارنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ

2015.10.13 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مائارىپ نازارىتى «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ مەكتەپ ئالمىشىشنى قاتتىق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئېنىق بەلگىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە،«ئۇقتۇرۇش»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئالىي مەكتەپ ئالمىشىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپلەرنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئاۇدىڭلاشقاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تىزىملايدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ. ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى مەكتەپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت , مائارىپ نازارىتى يەنە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ ئالمىشىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ ھەمدە خىزمەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نەتىجە-ئۈنۈم باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر