باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك قەشقەر يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىدە ئىمزالانغان تەمىنلەش توختامى سوممىسى يەتتە مىليارد يۈەنگە يەتتى

2015.10.13 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-نۆۋەتلىك قەشقەر يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى 10- ئۆكتەبىردىن 12- ئۆكتەبىرگىچە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 50 تىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىكى كارخانىلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپېراتىپىنىڭ خېرىدار-سودىگەر ۋەكىللىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەمىنلەش توختامى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان توختام سوممىسى يەتتە مىليارد يۈەنگە يەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى كۆرگەزمە يىغىنىنىڭ كۆلىمى 60 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، يايما ئورنى 600 دىن ئاشىدىكەن. كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلاردىن ئاساسلىقى ئاشلىق-ياغ قوشۇمچە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى، كالا-قوي گۆشى، ھەر خىل مېۋە-چىۋىلەر، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق مەھسۇلات بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 140دىن ئارتۇق سودىگەرنى جەلب قىلدى.بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى تۇنجى قېتىم قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسدە ئاشكارىلاندى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر