باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغىلى ئۈچ يىل بولدى

2015.10.13 09:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى ئۆتكەن ئاي ئۈرۈمچىدە تەبرىكلەندى.

  مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ ئۇيۇشما ئەزا كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش - ئەھۋال ئىگىلەشكە پائال تەشكىللەپ، تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى. ئۇلار ئۈچ يىلدىن بۇيان خوتەن، قەشقەر، قاراماي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شۇ جايدىكى مىللىي كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. شىنجاڭ «شانئال» ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇردى. ئۈچ يىلدا ئالتە ئەزا ئورۇن دوستلۇق - ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، بەزى ساھەلەردە ھەمكارلاشتى. «جۇڭگودىكى شانلىق ئىشلار −− جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بۇ جەرياندا چاپچال ناھىيەسىگە 50 مىڭ يۈەن، خوتەن ۋىلايىتىگە 100 يۈرۈش پاختىلىق كىيىم ئىئانە قىلدى؛ 2012 - يىلى كېرىيە ناھىيەسىدە، بۇ يىل گۇما ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل ئىئانە قىلدى؛ ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، ئۇيۇشما ۋە ئۇيۇشمىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئىئانىسى 1 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى رادىل ئابلا مۇنداق دېدى: مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى يۇقىرىنىڭ تەلىپى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇيۇشما خىزمىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر