باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

تەلەپچان ۋە راستچىل بولۇش روھى بىلەن يىل ئاخىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2015.10.13 09:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 10 - ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى «ھوقۇق ئىشلىتىشتە قاتتىق بولىدىغان، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ئىشلارنى ھەقىقىي پىلانلاپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئادەم بولۇش، سادىق، پاك بولۇش، ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالىدىغان يېڭى ئوبراز تىكلەش»نى باش تېما قىلىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسى بويىچە 3 - قېتىم مەخسۇس تېمىلىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى جەزمەن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يولۇققان قىيىنچىلىق، زىددىيەتلەرنى دادىل ھەل قىلىپ، خەۋپ - خەتەر، سەۋەنلىكلەر ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتنى چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، رازىمەنلىك، خۇشاللىق بىلەن ئۆزىمىزنى بېغىشلاش داۋامىدا غايىمىز ۋە قىممىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر بىر رەھبىرىي كادىر، ئورگان كادىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئۆز زىممىسىدىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى تولۇق تونۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ خىل ھوقۇقىنى قەدىرلەپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش روھىي ھالىتى بىلەن ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ياخشى يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتگۇرۇپپىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئورگاننىڭ كۆپ سوممىلىق مەبلەغ، مۇھىم تۈر، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش جەھەتتىكى ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورگاننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ خۇلاسىسى، 5 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمىتى، نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ بىر قېتىملىق ئوبرازنى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، كادىرلار، ئاممىنى تەربىيەلەيدىغان، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان كاتتا مەرىكە بولدى. ھازىر يىللىق خىزمەتلەر ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرىۋاتىدۇ، بىز ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى كۈندە ئۆزىمىزگە قويىدىغان تەلەپ قىلىپ، تەلەپچان ۋە راستچىل بولۇش روھى بىلەن يىل ئاخىرىدىكى خىزمەت ۋەزىپىلىرىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ يۇڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، نىجات سۇلتان، ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر