باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مەركەز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، قوغداش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك

2015.10.13 09:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇ چىڭلىن باشچىلىقىدىكى مەركەز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 9 - ئۆكتەبىر جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەنىدى. 10 - ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچىدە مەركەز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  مەركەز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەننىڭ 1 -، 2 -، 3 -، 14 - شىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىننىڭ گۇرۇپپا باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىنى تۇتقانلىقى، شىنجاڭنى ھەقىقىي قوللىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ سۇچىلىق ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، «سۇچىلىق گۈللەنسە، شىنجاڭ گۈللىنىدۇ» دېگەن سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، سۇنى تىزگىنلەش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق سۇ تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، قالايمىقان ئېچىش ھادىسىلىرىنى قەتئىي تىزگىنلەپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭى قەدەم باستى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، شىنجاڭ «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش»تا، «ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل» بولۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سۇ بايلىقى تىرىكى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. مەركەز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ، چوڭقۇر ئەھۋال ئىگىلەپ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دۇ چىڭلىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، سۇچىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سۇ بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ خىزمەت ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپتۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، سۇچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يەرنى چېكىندۈرۈپ، سۇنى ئازايتىش تەدبىرلىرى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتى يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپتۇ.

  دۇ چىڭلىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كاپالىتى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش ۋە يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە بولغان يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر 5 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قوماندانى ليۇ شىنچى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جياۋ يۇڭ، گوۋۇيۈەن يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى فەن شياۋجيەن، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ يىڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، بەي جىجيې، چيەن جى، ليۇ يەنلياڭ، ۋاڭ شىجياڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر