باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يېڭى مۇسابىقە مەۋسۇمى باشلاندى

ۋوجياڭ گۇرۇھى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە نامى ئىشلىتىلىدىغان كارخانا بولدى

2015.10.13 09:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ۋوجياڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يېڭى مۇسابىقە مەۋسۇمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 11 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇراسىمدا شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارەت (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى كارخانا − شىنجاڭ ۋوجياڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار ۋاسكېتبول كۇلۇبى بىلەن رەسمىي توختام ئىمزالاپ، نامى ئىشلىتىلىدىغان كارخانا بولدى.

  شىنيې شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جېڭ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق توختام ئىمزالاش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

  ۋوجياڭ گۇرۇھى بۇ قېتىم شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ نامىنى ئىشلىتىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ماركا يارىتىپ، كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەتكە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  مۇراسىمدا يەنە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ قۇت بەلگىسى ۋە كۇلۇب بەلگىسى كۆرسىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر