باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3 - ، 4 - ، 5 - تارماق ئۆمىكى ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرىدىن ھال سورىدى

2015.09.28 09:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3 -، 4 -، 5 - تارماق ئۆمىكى 25 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ھەر مىللەت كادىر، ئامما ۋە شىنجاڭدىكى تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنى يوقلاپ، شىنجاڭ خەلقىدىن بايراملىق ھال سورىدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3 - تارماق ئۆمىكىنى باشلاپ، باشتا ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول يېڭى رايونىغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى نامايان قىلىنغان كۆرگەزمە تاختىسىنى كۆردى، شۇ يەرنىڭ مەسئۇلىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول يېڭى رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ۋەكىللەر يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى مەخسۇس لايىھەلەيدىغان، ياسايدىغان يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىسى −− شىنجاڭ ماشىنىسازلىق تەتقىقات يۇرتى پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، مەسئۇل خادىمنىڭ شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، كۆممىقوناق كومبايىنى، دانلىق ئاشلىق كومبايىنى قاتارلىق ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەنتەنىلىك مەرىكىدە «تۆت بايرام» بىللە كەلدى، بۈگۈن قۇربان ھېيت، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى ۋە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق قۇتلۇق كۈنىنى كۈتۈۋالىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بولدى، بۇ قېتىم مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يوللىغان سالىمىنى ئېلىپ كەلدى. يەرلىكتىكى كادىر، ئاممىدىن «تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز» دېگەن روھنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چىڭلى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 4 - تارماق ئەترىتىنى باشلاپ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىغا كېلىپ، قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلەنگەن خاتىرە لوڭقا سوۋغا قىلدى.

  جاڭ چىڭلى داۋاز قاتارلىق ئالاھىدە سېرىك نومۇرلىرى، يېقىملىق ۋە تەسىرلىك مۇقامدىن ئارىيە، «شانلىق 60 يىل» ناملىق شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى، شۇنداقلا سىمفونىيە بىلەن مىللىي مۇزىكا بىرلەشتۈرۈلۈپ تەڭكەش قىلىنغان كىلاسسىك دىراما «مودەنخان»نى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دەۋرنى مەدھىيەلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇردى، ھەم مىللىيچە ھەم دەۋر يېڭى ئېقىمىغا ئىگە ئەسەرلەر كۆپلەپ ئىجاد قىلىندى. شىنجاڭنىڭ مىللىيچە ماھارەتلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى ۋە ۋارىسلىق قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىن چىقىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش ئارقا سەپ بۇسىنىڭ باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ كېشى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 5 - تارماق ئۆمىكىنى باشلاپ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭ بازىسىغا كېلىپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق كوماندىر - جەڭچىلەرنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تارماق ئۆمەكلىرى بازىنىڭ ھەربىي تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، بازىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى خەۋەرلىشىش پونكىتى خەۋەرلىشىش 2 - ليەنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىسىمنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، مەشىق ئەھۋالى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ليەندۈي قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى. جاۋ كېشى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكتىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جەڭگىۋارلىقى ۋە كاپالەتلىك قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداشنىڭ ھەقىقىي شەمشىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى، داۋاملىق ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ، خەلقنى سۆيۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەغدىرداش، قەلبداش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چى جۈن، پېڭ يۇڭ، جۇ خەيلۇن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈنلەر تارماق ئۆمەكلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر