باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قەلبداشلار» سەنئەت ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ھال سوراش ئويۇنى «تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا 24-سېنتەبىر كۆرسىتىلىدۇ

2015.09.23 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- سېنتەبىر مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى«قەلبداشلار» سەنئەت ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدىكى ھال سوراش ئويۇنى«تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى»نىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 8-ئاينىڭ10-كۈنى ۋە 12-كۈنى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ«قەلبداشلار» سەنئەت ئۆمىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ توغراسۇ يايلىقى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى ياۋا غاز ئىستىراھەت مەيدانىدا «تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى»ھال سوراش ئويۇنى قويدى. ھال سوراش ئويۇنىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن، «رەڭگارەڭ شىنجاڭ» ، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ، « ئىناق شىنجاڭ » دىگەن ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر تولۇق نامايان قىلىنغان، شۇنداقلا گۈزەل شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىشىغا بولغان تىلىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

  «تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى»نىڭ كۆرسىتىلىش ۋاقتى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرىنچى يۈرۈش ئۇنىۋېرسال قانىلىدا 24-سېنتەبىر سائەت 20 دە كۆرسىتىلىدۇ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۈچىنچى يۈرۈش ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلىدا 24-سېنتەبىر سائەت 20 دىن57 مىنۇت ئۆتكەندە كۆرسىتىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر