باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆزئارا ياردەملىشىپ، گۈزەل مەنزىرىنى ئورتاق نامايان قىلىش

2015.09.23 13:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [شانلىق 60 يىل] ئۆزئارا ياردەملىشىپ، گۈزەل مەنزىرىنى ئورتاق نامايان قىلىش

  −ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى توغرىسىدا بايان (11)

  خەن چىنيەن

  پامىر ئېگىزلىكىدە تۇرۇشلۇق مەمەتئوسمان ئەركىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلمىسىمۇ بولىدىغان بولدى، «كېباڭ» مانگان ياساش چەكلىك شىركىتى كارخانىنى ئۆيىگە يېقىن جايغا − ئاقتو ناھىيەسىنىڭ جياڭشى سانائەت رايونىغا يۆتكەپ كەلدى.

  «شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر بىزگە نۇرغۇن كارخانا قۇرۇپ بەردى، بىز ئۆيگە يېقىن جايلاردا ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولدۇق». «كېباڭ» مانگان ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى بولغان مەمەتئوسمان ئەركىن: مېنىڭ بىر ئايلىق ئىش ھەققىم 4300 يۈەن، بۇ، ئىلگىرىكى يېرىم يىللىق كىرىمىم بىلەن باراۋەر، تۇرمۇشىمىز ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەردى، دېدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەمەتئوسمانغا ئوخشاش ئىشچىغا ئايلانغان دېھقان- چارۋىچىلار كۆپەيدى.

  نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن زور بىر تۈركۈم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ۋە تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا گۈزەل مەنزىرىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

  قۇياش نۇرى شىنجاڭ زېمىنىنى يورۇتتى

  چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا بازىرى چاقما كەنتىدىكى يېڭىدىن ياسالغان ئاسفالت يوللار كەڭ ۋە تۈز سوزۇلغان، يولنىڭ ئىككى يېنىغا قاتار- قاتار رەتلىك، كۆركەم ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىنغان بولۇپ، ئەتراپى يېشىللىق ئىدى.

  قىزىل سىرلانغان دەرۋازىلار كەڭ ۋە ھەيۋەتلىك، ئىشىك بېشىغا نەقىشلەر ئويۇلغان، ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە كۈمۈش رەڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق سۇ ئىسسىتقۇچ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. دېھقان مەمەتئىمىن سايىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر بۇرۇنقى كېسەك ئۆيلەردىن خىش، سېمونت قۇرۇلمىلىق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

  شىنجاڭدا مەمەتئىمىن سايىتقا ئوخشاش 4 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان- چارۋىچى ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەت خەلقىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشتى. ئەينى يىلى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زور بىر تۈركۈم ياشلار شەرقىي دېڭىز ساھىلى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىن چەت - ياقا چېگرا رايونلارغا كېلىپ، يول ياساپ، كۆچەت تىكىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېتىزلارنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنى ئېچىۋېتىش ۋە قۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارى ۋە قان- تەرىنى تەقدىم قىلدى. قاتار- قاتار قوشۇنلار، تۈرلەر، مەبلەغلەر مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋەتەننىڭ غەربىي شىمالىغا توپلاندى. 06 يىلدىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ ئوت- چۆپلىرى كۆكەردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىمۇ تۈركۈم- تۈركۈملەپ داۋاملاشتى ھەم مەركەزنىڭ ئىككى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەقسىتى سۈپىتىدە قاراپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي قەلبىنى ۋە ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئۇتتى.

  ھازىر شىنجاڭ زېمىنىنى ئايلانسىڭىز، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشىسىنىڭ مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا ئىكەنلىكى، ئەڭ يارقىنىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ئىكەنلىكىنى، تېز قۇرۇلۇۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

  ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا ئومۇملاشتى

  يېڭى ئوقۇش باشلىغان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە بىر تۈركۈم يېڭى چىرايلار پەيدا بولدى، ئۇلار شاڭخەيدىن 8- تۈركۈمدىكى 2- نۆۋەتلىك قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن توققۇز ئوقۇتقۇچى ئىدى.

  بۇ يىللاردا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 3000دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنى شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، ئۇلار ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسى، ئۇسۇلى ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە ياردەم بېرىلگەن جايلارنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  شىنجاڭدىكى مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنىلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىمۇ مەركەز، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار، مەركەز كارخانىلىرى ،شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن.

  جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن، ئاقسۇدا «تاۋباۋ كەنتى» قۇرۇلدى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، قەشقەردە قاتار- قاتار كىچىك سودا شەھەرچىلىرى قەد كۆتۈردى... شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ياراملىق كادىرلار ۋە كەسپىي تېخنىك كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، مالىيە كۈچى ۋە ماددىي كۈچ ئاجرىتىپ، ئۆزىدىكى كەسىپ، تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قان بېرىش ۋە قان ياساشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ھازىر ۋە ئۇزاق كەلگۈسىگە تەڭ نەزەر سېلىپ، قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتنى تەڭ تۇتۇپ، تۈركۈم- تۈركۈم سانائەت، ساياھەت، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق تۈرلەرنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا ئومۇملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

  «شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار بويىچە ياردەم بېرىش» − يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىشتە جەمئىي 2636 كادىر، ئىختىساسلىقلار تۈرى يولغا قويۇلدى، 161 مىڭ كىشىگە ياردەم بېرىش، يېتەكلەش، تەربىيەلەش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى، 30 مىڭغا يېقىن كادىر، ئىختىساسلىقلار جەلپ قىلىندى، شىنجاڭدا تۈرلۈك كادىر، ئىختىساسلىقلاردىن 776 مىڭ 200 ئادەم/قېتىم پائال تەربىيەلەندى ۋە تەشكىللەندى.

  شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش ناخشىسى ياڭرىدى

  «بىز چارۋىچىلار بۇنداق ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرۇشنى چۈشىمىزدىمۇ ئويلاپ باقمىغان». بايىنبۇلاق يايلىقىدىن كەلگەن چارۋىچى بارنېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇرۇش، تۇرۇبا سۈيى ئىچىش، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ھەقىقەتەن بەخت ئىكەن!

  دېھقان- چارۋىچىلار ئولتۇراقلىشىپ ماكانلاشقاندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا ئاممىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىپ، كۈنلىرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟ بۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بۇ يىللاردىكى كۈچ چىقىرىش يۆنىلىشى.

  2011- يىلى «شىنشىڭ جۇگۈەن» شىركىتى خېجىڭ ناھىيەسىدە 9 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن قۇرغان 3 مىليون توننا پولات ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە شۇ يىلى ئىش باشلاش، شۇ يىلى قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھازىر خېجىڭ ناھىيەسىدىكى تۈۋرۈك كارخانا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  «شىنشىڭ جۇگۈەن» شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ ئىخچام كارتىنىسى خالاس. ھازىر شىنجاڭدا تۈركۈم- تۈركۈم سانائەت تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش باشلىنىشقا ئەگىشىپ، رەت- رەت سانائەت رايونلىرى قەد كۆتۈردى، تۈركۈملىگەن شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش تۈرلىرى ماكانلىشىپ يىلتىز تارتتى... شىنجاڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلاندى.

  2014- يىلىغىچە جەمئىي 4880 ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرى كىرگۈزۈلۈپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 682 مىليارد 598 مىليون يۈەنگە يەتتى. شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش ناخشىسى چىڭخۇا، ۋېنشياڭ، شۈگۇڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلارنى شىنجاڭغا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭغا زور بىر تۈركۈم تېخنىك ئۇقۇدىغان، باشقۇرۇشنى بىلىدىغان، مەڭگۈ كەتمەيدىغان كادىرلارنى تەربىيەلەپ بەردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ سەمىمىي ياردىمىدە، شىنجاڭ ئەڭ گۈزەل يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر