- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىتتىپاقلىشىش، كۈرەش قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدار بولۇش
2015.09.23 13:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
[شانلىق 60 يىل] ئىتتىپاق ئۆتۈش، كۈرەش قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش
يەنە ئون كۈندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.
بۇ كۈنلەردە كىشىلەر ئوخشىمىغان ئۇسۇل بىلەن بۇ ئالاھىدە 60 يىلغا ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. تاراتقۇلار سىستېمىلىق ھالدا مەخسۇس تېمىدا ماقالە ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئىدراكى ماقالىلەرنى يېزىپ ، پۇقرالار ئوخشىمىغان ياش، ئوخشىمىغان سالاھىيەت، ئوخشىمىغان ئەسلىمىلەر ئارقىلىق ئۆتكەن 60 يىلدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىشتى.
بۇ 60 يىلنى قانداق تونۇش كېرەك؟
60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە،كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئىتتىپاقلىشىش، كۈرەش قىلىش جەريانىدا چەكسىز ئىپتىخارلاندى، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدار بولۇش جەريانىدا جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش، روناق تېپىش ۋە گۈللىنىشنىڭ داغدام يولىغا قاراپ ماڭدى.
«ئىتتىپاقلىشىش، كۈرەش قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدار بولۇش» 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يۇقىرى- تۆۋەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم مەنىۋى تىرەك − تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، شانلىق سەھىپىلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىشىدىكى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.
(1) ئىتتىپاقلىشىش
مىللەتلەر ئىناق بولسا، ھەممە ئىش روناق تاپىدۇ؛ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى كۈچنىڭ مەنبەسىدۇر.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى»، «شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدۇر».
يولداش جاڭ چۈنشيەن: «ھەر مىللەت ئاممىغا مالىمانچىلىقنىڭ بالايىئاپەت، مۇقىملىقنىڭ بەخت- سائادەت ئىكەنلىكىنى؛ مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانسېرى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى شۇنچە ئېگىز كۆتۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت قائىدىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
ئىناق بولغاندا ھەممە روناق تاپىدۇ، بۆلۈنسە ھەممە زىيان تارتىدۇ. شىنجاڭنىڭ تارىخى ھەر مىللەت خەلقى چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، بىرلىكتە جاپالىق كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرغان، گۈللەندۈرگەن تارىخ. تارىخ ئىتتىپاقلىقنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى، بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسى قاچان ئىتتىپاقلىشىپ ئىناق ئۆتىدىكەن، شۇ چاغدا دۆلەت گۈللەپ روناق تاپىدۇ، خەلق بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؛ قاچان بۆلۈنىدىكەن، شۇ چاغدا باشقىلار بوزەك قىلىپ، خەلق كۈن كەچۈرەلمەس بولۇپ قالىدۇ. قېرىنداشلار بىر نىيەتتە بولسا مىسلىسىز قۇدرەت تاپىدۇ، ئائىلىسى ئىناق بولۇپ، ئىشلىرى نۇسرەت تاپىدۇ. شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، خۇددى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەدبىر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى قەدەم تاشلىدى.
«ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدىكى تەربىيە پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مۇستەھكەملەندى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.
جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئەلرايى مۇجەسسەملىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەلرايى ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.
سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشۋىقات تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭچە روھ زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، «بەش ئاچقۇچ» تىن ياخشى پايدىلىنىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق چەكلەشتەك «ئۈچنى بىرلىكتە باشقۇرۇش» كۈچەيتىلىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى»، «بىللە ياشاش، بىللە ئوقۇش، بىللە ئىش قىلىش، بىللە خۇشال ئۆتۈش» تېمىسىدىكى دوست بولۇش، ئۇرۇق- تۇغقانلاردىن بولۇش، قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىش قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ياشلىرى، ئۆسمۈرلىرى كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئويناپ، بىللە ئوقۇپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى؛ «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى باشلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ پىكرلىشىش، ئالاقىلىشىش، سىڭىشىشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.
ھەر بىر يېڭى تەدبىر، يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت خەلققە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا دوستانە، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك ئىناق كەيپىيات شەكىللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى زەپەر مارشى ياڭرىدى.
قاقاس ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتىپ، يېڭى دەۋردىكى «بېتيۇن» دەپ تەرىپلەنگەن ۋۇ دېڭيۈن، ئىلگىرى- كېيىن ئون يېتىم بالىنى بېقىۋالغان ھەنىپە ئەلىماخۇن، ساخاۋەتچى ئالىم خالىق، ئادەم قۇتقۇزۇشنى كەسىپ قىلغۇچى ئابلىز، ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشىغا ياردەم بەرگۈچى يۇ لياڭيىڭ ...
ئۇزاقتىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش - پائالىيەتلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالدى.
سىياسەت ۋە تاكتىكا پارتىيەنىڭ ھاياتى.ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىش قىلىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. سىياسەتنى دەل جايىغا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى تەپسىلىي ئىشلەپ، ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر پۇقرانى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئۇرۇق- تۇغقانلار بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، مېھىر- مۇھەببىتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. بېرىپ- كېلىش، ناخشا ئېيتىشىپ، سىردىشىش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ پىكىرلىشىشى، ئالاقىلىشىشى، سىڭىشىشى كۈچەيتىلدى. ھەر خىل شەكىلدىكى ئورتاق بەرپا قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، «قوش تىل»مائارىپى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە ئورتاق قاتنىشىش جەريانىدا چۈشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھېسسىيات قويۇقلىشىپ، ئىتتىپاقلىق كۈچەيتىلدى.
شىنجاڭ زېمىنىدا ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىتتىپاقلىقنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ.
« ئارمىيە- خەلق ئىتتىپاقلىشىپ بولسا بىر كىشى، يوقتۇر دۇنيادا ئۇنىڭ تەڭدىشى».
ئالتاي تاغلىرىدىن تەڭرىتاغلىرىغىچە، پامىر ئېگىزلىكىدىن، قاراقۇرۇم تاغلىرىغىچە، ئۇزۇنلۇقى 5600 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان، سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان گىرىمسەن چېگرا لىنىيەسى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى شەكىللەندۈردى.
60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولدى، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى باشتىن- ئاخىر چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىق، ئىناقلىق، گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى ئاساسلىق كاپالىتى بولدى.
40 يىلنى خۇددى بىر يىلدەك ئۆتكۈزۈپ، خەلقنى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش خاتىرىسىنى يېزىپ قالدۇرغان قادىر باقى، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم شى توپچىلار تۈەنى 42 يىل قوشماقلاردىن بولۇپ ياردەم بەرگەن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى بارىن يېزىسىنىڭ 16- كەنتى...
«چۆل- جەزىرىدە يېڭى دۇنيا ۋۇجۇدقا كېلىپ، تەڭرىتاغدا زور دولقۇن قوزغالدى». جاي- جايلاردىن كەلگەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئەسكەرلەر، چېگرا رايونغا ياردەم بەرگەن ياشلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە باشتىن- ئاخىر مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش، چېگرانى تىنچلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇستەھكەملەشنى شەرەپلىك بۇرچ دەپ قاراپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا بىرلىكتە داغدام قەدەم تاشلىدى.
تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، ھەربىي بىلەن خەلق قەلبداش، دېگەن بۇ ناخشا ئارمىيە بىلەن خەلق مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ، شىنجاڭ زېمىنىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئورتاق مەڭگۈلۈك ساداسى. تارىخ قايتا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ياكى تەرەققىياتى بولسۇن، مىللەتلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناقلىقىدىن، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبداشلىقىدىن، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئىتتىپاقلىق دېگەن نېمە؟ ئىتتىپاقلىق كۈچ دېمەكتۇر.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛
ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيدۇ؛
بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقى مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداشتىكى دەۋر مەزمۇنى.
شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك ئىجتىمائىي ئورتاقلىقنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىگەندىلا، ئىتتىپاقلىق گۈللىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى ۋە پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەخش ئەتكىلى بولىدۇ.
(2) كۈرەش قىلىش
جاپاغا چىداپ تىرىشقاندىلا ئاندىن ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ.
جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا جاپالىق شارائىتقا ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ ۋە مۇرەككەپ جەمئىيەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، تەكرار ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن جاپا- مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەرگە پىسەنت قىلمايدىغان، تىز پۈكمەيدىغان روھ ھېسابلىنىدۇ.
كۈرەش قىلىش ئوخشاشلا تىرىشچان، باتۇر ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئېسىل ئەنئەنىۋى خىسلەت.
قەدىمدىن تارتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدا، ھەر مىللەت شىنجاڭ پەرزەنتلىرى جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تىرىشىپ يول ئېچىپ، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىدىغان نۇرغۇن ماددىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ياراتقان.
تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەزەلدىن ئاسانلىقچە ئىشقا ئاشقىنى يوق، بۇنىڭدا ئەنئەنە بىلەن شەخس ئوتتۇرىسىدا خىرىس ۋە ھالقىش بولۇشقا، ئۆزگەرتىشكە، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ رولى ئارقىلىق تاماملىنىدۇ.
خەلق ئاممىسى تارىخنى ياراتقان ئاساسىي كۈچ. يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا شىنجاڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەلگۈسىنىڭ گۈزەل پىلانىنى تۈزۈش ئۈچۈن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سۇبيېكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتمەس- تۈگىمەس ھاياتىي كۈچىنى قوزغاشقا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىيىنچىلىققا قارشى ئاتلىنىپ، جان- پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، مەن قىلمىسام، كىم قىلىدۇ؟ دەيدىغان ئىدىيە بىلەن توختىماي كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب مەشئىلىنى ياندۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەممىنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئۆزى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش، تەرەققىياتقا ئاتلىنىش قىزغىنلىقىنى تىرىشىپ قوزغىدى.
«تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز»دىن شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭ ئۈنۈمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، شىنجاڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭ ئوبرازىنى تىكلەشكىچە؛ ئۆزگەرتىش، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، دادىل زىممىسىگە ئېلىش، تەلەپچان بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇشتىن توختىماي ئاداققىچە كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلىشقىچە؛ سۇبيېكتىپلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەش، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي خىزمەت قىلىش، تەلەپچان بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتىن «مەن قىلالايمەن»غىچە؛ مانا مۇشۇنداق سان- ساناقسىز كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىدىيەسى تەرەققىيات دېرىزىلىرىنى ئاچتى، ھەممە كۈرەش ئىدىيەۋى ئۇچقۇنى كىشىلەرنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.
شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت كادىر، ئاممنىڭ بۇ سۇبيېكتىپ ئاكتىپلىقى قوزغىلىپ، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشتەك غايەت زور ئېنېرگىيەسىنى قوزغىدى.
كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. 2014- يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2009- يىلىدىكىدىن 1.15 ھەسسە ئېشىپ، بەش يىلدا 500 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتتى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مول نەتىجىلىرى ھەممىگە ئايان بولدى.
2010- يىلى 6- ئايدا ماكانلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، 15 كۈندىن كېيىن، بۇ تۈردە ئىش باشلاندى؛ شىنجاڭدا مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش «ئۈنۈم، نەتىجە بورىنى» قوزغالدى، شىنجاڭدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان «ئاساسىي تېما ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئارقا- ئارقىدىن باشلاندى.
كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر تەكىتلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر تەمىنلىگەن ياردەمنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى ۋە ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.
مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە سۇبيېكتلىق رولىنى، كۈرەش قىلىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاپ، نىشاننى توغرا تاللاپ، بوشاشماي تىرىشىش كېرەك. بىزنىڭ نىشانىمىز نېمە؟ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش دەل بىزنىڭ نىشانىمىز. بۇ نىشانغا قانداق قىلغاندا يەتكىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىش، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن داۋاملىق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. بۇ مەسىلىدە نىشانىمىز جەزمەن ئېنىق بولۇشى، ئۇنىڭدىن ئېغىشماسلىقىمىز كېرەك.
يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى يېپيېڭى ئىزدىنىش بولۇپ، بۇنىڭدا توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتەك مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، بىز ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشنى كونكرېت ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا داۋاملىق يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىشىمىز كېرەك.
ئېسىل ئىستىلنى كۈچەيتىپ، تەلەپچانلىق بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز «جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن باش كۆتۈرۈش» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئاكتىپ، ئىلمىي، سىجىل، ئىجادىي، پۇختا ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ. باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت ۋە ئېگىلمەس- سۇنماس ئىشەنچنى دائىم ساقلىساق، باتۇرلۇق، قەيسەرلىك ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان شىجائەت ۋە ئۇزاققىچە تۆھپە قوشىدىغان قەتئىيلىك بولسىلا، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدا جەزمەن غەلىبە قىلالايمىز.
(3) ۋەتەننى سۆيۈش
دۆلەت بولمىسا، ئائىلە بولمايدۇ؛ دۆلەت، ئائىلە بولمىسا، شەخسمۇ بولمايدۇ.
ۋەتەنپەرۋەرلىك كىشىلەرنىڭ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر رىشتىسى، كۆيۈنۈشى ھەمدە شۇنىڭغا ماس ئەمەلىي ھەرىكىتى. ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەر بىر پۇقرا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ تۈپ قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى ھەم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى.
نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئىزچىل ئېگىز كۆتۈرۈپ كەلدى، سانسىزلىغان ۋەتەن سۆيەر قەھرىمانلار، يۈكسەك ئىرادىلىك ھەققانىي كىشىلەر مەيدانغا كەلدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدىكى سانسىزلىغان داستانلار ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى 100 مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتتى.
چۈ يۈەننىڭ « ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلسەم گەر يوقتۇر قىلچە ئارمانىم» دېگەن نەزمىسىدىن لىن زېشۈنىڭ «پايدىلىق بولسىلا دۆلەتكە، مەيلى بېشىمغا كەلسۇن نى بالا، رازىمەن ھاياتتىن كېچىشكە» دەپ يېزىشىغىچە… شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلىپ «شىنجاڭ» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىشىدىن، بورماقان مولدۇ ئانىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان چېگرانى خالىس چارلاپ، تاشقا «جۇڭگو» دېگەن خەتنى ئويۇشىغىچە… قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەنىۋىيىتىنىڭ يادروسى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى باشتىن- ئاخىر مىللەتلەرنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە تىرەك بولدى.
شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە ئورتاق ئارزۇسى.
ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قارىتىپ، «بەشنى تونۇش» تەربىيەسىنى، يەنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى تونۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيەتىنى تونۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تونۇش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشنى كۈچەيتتى؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق گەۋدىلىك ئېڭى تەربىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇردى.
ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش ھېسسىياتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئويغىتىلدى؛ ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار روھ، شىنجاڭنى سۆيۈشتىن ئىبارەت پەخىرلىنىش تۇيغۇسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدا بىخ سۈرۈپ، يېتىلدى.
ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى 70 ياشلىق بوۋاي خۇدابەردى 20 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، كەنت كومىتېتى ئالدىدا ۋە ئۆز ھويلىسىدا بايراق چىقىرىپ كۆپچىلىككە تەسىر كۆرسەتتى ۋە ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى؛
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار «يۇرتىمىز بىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلدى، ۋەتىنىمىز بىزگە روھ ئاتا قىلدى» دەپ شوئار توۋلاپ، ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى؛
تارباغاتاي يايلىقىدىكى قازاق چارۋىچىلار ئاقىنلار ئېيتىشىشى ئارقىلىق ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشنى مەدھىيەلىدى؛
قەشقەر كوناشەھەر رايونىدىكى كوچىلاردا ئۇيغۇرلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كوناشەھەرنىڭ ئۆزگەرتىلىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى ھالىتىنى تەبرىكلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە كادىرلار شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سۇبيېكت ۋە مەركەز سىياسىتىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە نەپكە ئېرىشكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ۋە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قوللىشىنى ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرا رايوننى مۇقىم قىلىش نىشانىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.
بىز ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدا تۇرۇشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»تىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈشىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، ۋەتەننى پارچىلايدىغان قىلمىشلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
جەمئىيەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىمىز، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىشىمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى، يارقىن مەدەنىيەتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان كۈرەش نىشانىدىن مەنىۋىي كۈچ ئېلىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان روھنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە شىنجاڭ روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش جەھەتتىكى كونكرېت ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشىمىز، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ سوتسىيالىستىك ۋەتەن قوينىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت شەرەپ تۇيغۇسى، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى شىنجاڭدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا يېڭىچە جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك.
(4) مىننەتدار بولۇش
مىننەتدارلىق بولمىسا ھەقىقىي گۈزەل ئەخلاق بولمايدۇ.
مىننەتدارلىق ئالىيجاناب پەزىلەت بولۇپ، ئۇنىڭدا مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتى مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ.
ھەرقانداق ئادەمدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولغاندىلا ئاندىن ئاتا- ئانىسىغا ۋاپادار بولىدۇ، ئۇستازىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلۇغ ۋەتىنىگە بارلىقىنى ئاتا قىلىدۇ، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن جەمئىيەت شۇ چاغدىلا تېخىمۇ ئىناق ئۆتەلەيدۇ. مىننەتدارلىق ۋە جاۋاب قايتۇرۇش بىر- بىرى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، ئادەملەر مىننەتدار بولغاچقا جاۋاب قايتۇرىدۇ؛ ئادەملەر مىننەتدار بولۇشنى بىلگەندىلا بەدەل تۆلەشنى بىلىدۇ، شۇ چاغدىلا مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى مۇھەببەتكە تولغان ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدۇ.
كىم ئوت- چۆپكە ئوخشاش باھار ئاپتىپىدەك ئانا مېھرىگە جاۋاب قايتۇرالايدۇ.
«ئاغرىنىشار چاڭلار سۈگەت يۇلغۇندىن، ئۆتەلمىگەچ تاشقۇۋۇقتىن نەي ئۈنى»دىن ئىبارەت بېكىنمە، قالاق ھالەتتىن «يورۇتۇپ ئالەمنى تاڭ ئاتتى خوراز چىللاش بىلەن، بارچە مىللەت چالدى ساز ئۇدۇنمۇ بار بۇ نەغمىدە»دىن ئىبارەت جۇڭگو زېمىنى خۇشاللىققا تولغىچە، يەنە بۈگۈنكى تىرىشىپ جۇڭگو ئارزۇسى شىنجاڭ بابىنى يېزىش يولىغا قەدەم باسقۇچە، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىدا زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق گۈللىنىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپ ئالغان دەۋرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بۈگۈنكىدەك ھاياتىي كۈچكە تولۇپ باقمىغانىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئاساسى؛ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئورتاق بەختى.
كونىلاردا «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما» دەيدىگەن گەپ بار، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن مىننەتدارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتۇر.
ھەممىمىز كۆڭلىمىزگە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى پۈكۈشىمىز، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر قاتار ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشىمىز، كىشىلەرنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇشىمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە ۋە يېڭى دەۋرگە رەھمەت ئېيتىشىمىز؛ ھەر مىللەت ئاممىنى مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئارقىلىق بىر- بىرىدىن بەھرىلىنىشكە، بىر- بىرىگە كۆيۈنۈشكە، بىر- بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشقا، بىر- بىرىگە ياردەم بېرىشكە، زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان، توختىماي ئالغا باسىدىغان ئۇلۇغۋار كۈچنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك.
مىننەتدار بولۇش كۆپتۈرۈش، قۇرۇق گەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى پۇختا، ئەمەلىي ھەرىكەت. ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئابستراكت ئىدىيە ئەمەس، قەلبىمىزدە سەمىمىي مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ھالقىلىق يېرى ئۇنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئارزۇسىغا ۋە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشتا.
ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىشى، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇشى، بىڭتۈەندىكى قىز- ئوغۇللارنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالدىكى چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن جان - پىدالىق بىلەن ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈشى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرغانلىقنىڭ ئىپادىسى. بىز كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تىكلەپ، خوجايىنلىق قىياپىتىمىز ئارقىلىق تىرىشىپ، خىزمەتلەرنى تىرىشىپ، پۇختا ئىشلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ياخشى خىزمەت نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ باي- باياشات، ئىناق قىلىپ قۇرۇپ چىقساق، مانا بۇ بىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.
60 يىللىق بوران- چاپقۇنلۇق مۇساپىدە شىنجاڭ ئىتتىپاقلىشىش، كۈرەش قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدار بولۇشتەك ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە قالاقلىقتىن تەرەققىي قىلىپ، قاقاسلىقتىن گۈللىنىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىدا يېڭىچە قىياپەت ۋە زور ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۇق، ھەرقانداق ئىشنى قىلماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېڭى بابىنى يېزىش شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئىتتىپاقلىشىش، كۈرەش قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدار بولۇش تۇيغۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاساسىي كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئىلگىرىلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
كىشىلىك تۇرمۇش ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسىگە موھتاج، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشنىڭ يېتەكچىلىكىگە موھتاج. ئىتتىپاقلىشىش، كۈرەش قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدار بولۇش روھىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر نىشانغا ئاتلىنىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ بابىنى يېزىش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، يېڭى كەلگۈسى ۋە يېڭى شان- شەرەپلەرنى يارىتايلى!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر