باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك«تەڭرىتاغ پۇتبول پادىشاھى»ياشلار ئۆسمۈرلەر پوتبول چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى كېلەر ئايدا ئۆتكۈزىلىدۇ

2015.09.23 13:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ «تەڭرىتاغ پۇتبول پادىشاھى» ياشلار ئۆسمۈرلەر پوتبول چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك«تەڭرىتاغ پۇتبول پادىشاھى» ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى 10-ئايدا باشلىنىدۇ.

  بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ قاراپ قويۇش پاي چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇسابىقە بۇنىڭدىن كىيىن ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ پۇتبول پادىشاھى» چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، شىمالىي شىنجاڭ رايونى تاللاش مۇسابىقىسى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇلۇپ، تاللاش مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە11-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقە ئالىي مەكتەپ گۇرۇپپىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا بۇ يىلقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەككىز تۈرلۈك ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقە مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر