باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇتلۇق تىلەكلەر، ئوتلۇق يۈرەكلەر

−−− پارتىيە، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭ دېھقانلىرىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقى توغرىسىدا

2015.09.23 09:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان نەچچە ئەۋلاد پارتىيە، دۆلەت رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت دېھقانلىرىغا خەت يېزىپ، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ چەكسىز غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ تۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئۈلگىسى، شۇنداقلا ئاۋامنىڭ ۋەكىلى بولغان قۇربان تۇلۇم، داۋۇت ھاشىم، مۇھەممەد ساۋۇر، قادىر باقى قاتارلىقلارنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ماۋزېدۇڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ۋە شى جىنپىڭلارنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەر شىنجاڭ خەلقىگە كۈچلۈك مەدەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلىدى. دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كۈچلۈك مېھىر - مۇھەببەت، سەمىمىي غەمخورلۇق ۋە چوڭقۇر مىننەتدارلىق ئەكس ئەتكەن بۇ ئۈزۈلمەس رىشتە ھېلىھەم خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا، ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن يۇرت - ماكان قۇرۇشقا ۋە تېخىمۇ باي - باياشات تۇرمۇش يارىتىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ غەيرەت - جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە، بىز دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى، مەڭگۈلۈك رىشتىسى باغلانغان، نەچچە ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ ئۈمىدى بىخ سۈرگەن ئاشۇ يۇرتلاردا قايتا مۇخبىرلىق قىلىپ، شاھىتلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ ھەقتىكى كونا - يېڭى ھېكايىلەرنى يەنە ئاڭلىدۇق. كۆز ئالدىمىزدىكى ئۆزگىرىش، تەرەققىيات مەنزىرىسىدىن بۇ مېھىر - مۇھەببەتنىڭ، مەدەت - رىغبەتنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.

   مېھىر - مۇھەببەتلىك پۈتۈكلەر

  قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى قىزىل دەرياسى بىلەن تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بۇ يېزىدا پاختەكلى دېھقانلىرىنى پەخىرلەندۈرىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ داڭقىنى يىراق - يېقىنغا تاراتقان ئىككى نەرسە بار. بىرى شال، يەنە بىرى «خەت». پاختەكلى خەلقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان شال تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە مەھسۇلاتىنى يىلمۇ يىل ئاشۇرۇپ، سۈپەتلىك گۈرۈچ بىلەن پاختەكلىنىڭ نامىنى چىقارغان. ئەمما، پاختەكلى خەلقىگە چەكسىز ھاياجان، زور غەيرەت - جاسارەت بېغىشلاپ، «پاختەكلى» دېگەن نامنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب - شىمالىغا بەكرەك تاراتقىنى بۇ يېزىدىكى دېھقانلار بىلەن دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يېزىشقان مۇھەببەتلىك سالام خەتلەردۇر.

  بىز بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى پاختەكلى يېزىسىغا كېلىپ، يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات كادىرى ئوسمان باقىنىڭ ھەمراھلىقىدا دېھقانلارنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىگە خەت يازغانلىقى ۋە رەھبەرلەرنىڭ جاۋاب قايتۇرغانلىقىغا دائىر ھېكايىلەرنىڭ باش - ئاخىرىنى چوڭقۇرلاپ ئىگىلىدۇق، شاھىتلار ۋە يۇرت چوڭلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.

  1952 - يىلى شىنجاڭ يېزىلىرىدا يەر ئىسلاھاتى باشلانغاندا، پاختەكلى يېزىسى(ئەينى چاغدا بۇ يېزا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىگە تەۋە ئىدى)دا 634 ئائىلىلىك دېھقان بولۇپ، ئارىسىدا 226 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ بىر پۇڭمۇ يېرى يوق، 114 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئاران ئىككى يېرىم پۇڭدىن يېرى بار، تېرىلغۇ يەر ئاز ساندىكى پومىشچىكلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، 1952 - يىلىدىن 1953 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىلغان يەر ئىسلاھاتى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا فېئوداللىق يەر تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، 2 مىليون 100 مىڭ كەمبەغەل دېھقانغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. پاختەكلى دېھقانلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە بۇ ئىسلاھاتنىڭ مېۋىسىدىن تۇنجى قېتىم بەھرىمەن بولۇپ، بۇ خۇشاللىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن 1952 - يىلى 3 - ئايدا رەئىس ماۋ زېدۇڭغا خەت يازغانىكەن، بۇ خەت ئەينى ۋاقىتتا پاختەكلى يېزىسىنىڭ پاختەكلى كەنتىدە يېزىلغانىكەن. 1958 - يىلىدىن 1991 - يىلىغىچە بۇ كەنتتە خىزمەت قىلىپ، كەنت مۇدىرىلىقىدىن پېنسىيەگە چىققان، 78 ياشقا كىرگەن بەكرى مامۇت بىزگە دېھقانلار ئارىسىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۇنتۇلماي كېلىۋاتقان، رەئىس ماۋ زېدۇڭغا خەت يېزىلغان ئاشۇ ھاياجانلىق دەقىقىلەرنى ئەسلەپ بەردى:

  1952 - يىلى مارت ئېيىنىڭ بېشىدا، يەنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىيورۇسىنىڭ 4 - شۇجىسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى خىزمەت ئەترىتىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدا يەر ئىسلاھاتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش خىزمىتىنى باشلىغىنىغا بىر ئايچە بولغاندا، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قىزىل دەرياسى بويىدا كاتتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ دېھقانلارغا يەر تەقسىم قىلىش مۇراسىمى بولۇپ، شۇ چاغدا بىر ئۆمۈر يەرگە ئىشلەپمۇ يەرنىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمىگەن دېھقانلارغا يەر تەقسىم قىلىندى، بۇنىڭدىن سىرت، بەزى دېھقانلارغا ئات - ئۇلاغ، چارۋا مال، كىيىم - كېچەك ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرى تەقسىم قىلىپ بېرىلدى، يېزا بويىچە كەمبەغەل دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن يەر كىشى بېشىغا ئۈچ مودىن توغرا كەلدى. پومىشچىكلارغا يىلبويى باش كۆتۈرمەي ئىشلەپمۇ قورساق تويغۇدەك تاماققا، ئۇچىسىنى ياپقۇدەك كىيىمگە ئېرىشەلمەي، نامراتلىق ئىلكىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دېھقانلار خۇشاللىقتىن بېشى ئاسمانغا يەتكۈدەك بولۇپ، مەيداندا ناخشا - ئۇسسۇلغا چۈشۈشتى. ئەتراپقا توپلانغان نەچچە مىڭ كىشى ھاياجان ئىلكىدە «ياشىسۇن كومپارتىيە، ياشىسۇن ماۋجۇشى!» دەپ، بەس - بەستە شوئار توۋلاشتى. شۇ چاغدا دېھقانلار بۇ خۇشاللىقنى ئىچىگە سىغدۇرالماي قالغانىدى. كىمنىڭدۇر ئاغزىدىن چىققان «ماۋ جۇشىغا خەت يېزىپ، رەھمىتىمىزنى بىلدۈرەيلى!» دېگەن بىر ئېغىز سۆز ئاخىر ئۇلارنىڭ ھاياجىنىنى باستى. توغرا، كونا جەمئىيەتتە قەددى پۈكۈلگەن دېھقانلارنى مۇشۇنداق ھۆر زامانغا ئېرىشتۈرگەن پارتىيەگە، ماۋ جۇشىغا رەھمىتىمىزنى ئېيتىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىپ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شائىر تېيىپجان ئېلىيوف ئىككى ھەپتە ئىچىدە 204 مىسرالىق «ماۋجۇشىغا خەت» ناملىق قوشاق شەكلىدە يېزىلغان سالام خەتنى پۈتتۈردى.

  سالام ساڭا، ماۋ جۇشى،

  پاختەكلى دېگەن يەردىن.

  زامانەڭدىن كۈچ تاپقان،

  ئازاد دېھقان خەقلەردىن....

  1952 - يىل 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى پاختەكلى كەنتىدە رەئىس ماۋ زېدۇڭغا يوللىنىدىغان سالام خەتنى ماقۇللاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پاختەكلى خەلقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلدى ھەم شائىر ئابدۇكېرىم خوجايوفنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشى بىلەن بۇ خەت رەئىس ماۋ زېدۇڭغا يەتكۈزۈلدى. ئارىدىن يەتتە ئاي ئۆتكەندە، پاختەكلى ۋە قوشنا يېزىلاردىن كەلگەن 5000دىن ئارتۇق كىشى پاختەكلى كەنتىدىكى بېدىلىككە يىغىلىپ، رەئس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆز قولى بىلەن پاختەكلى دېھقانلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپلاندى. سەيپىدىن ئەزىزى يۇرتداشلارغا ئوقۇپ بەرگەن بۇ خەتتە مۇنۇلار دېيىلگەنىدى:

  «قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى بارلىق دېھقان يولداشلارغا:

  سىلەرنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا يەر ئىسلاھاتىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەندە ماڭا يازغان خېتىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەر پومىشچىكلار سىنىپىنىڭ يەر ئىگىلەش تۈزۈمىنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد بولدۇڭلار. سىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مول ھوسۇل ئېلىش شوئارى ئاستىدا تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىپ، ماددىي تۇرمۇشۇڭلارنى ياخشىلىشىڭلارنى ۋە شۇ ئاساستا مەدەنىيەت سەۋىيەڭلارنى قەدەممۇ قەدەم ئۆستۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ماۋ زېدۇڭ

  1952 - يىل 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى»

  گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى يەنە بىر قېتىم پاختەكلى ئاسمىنىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى، ئاق كۆڭۈل، جاپاكەش دېھقانلار بۇ يۇرتتا ئەلمىساقتىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئەڭ كاتتا يىغىلىشقا تەنتەنە قىلىشتى. رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن جاۋاب خېتى پاختەكلى دېھقانلىرىنى، جۈملىدىن شىنجاڭ دېھقانلىرىنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز شادلىققا چۆمدۈرۈپ، ئۇلارغا چەكسىز كۈچ - قۇۋۋەت ۋە غەيرەت - جاسارەت ئاتا قىلدى. پاختەكلى دېھقانلىرى يېڭىچە روھ، يېڭىچە ئىرادە بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىدا قان - تەر ئاققۇزۇپ، يېڭى دەۋرگە يېڭىچە قىياپەت بىلەن كىرىپ كەلدى...

  1990 - يىل 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان باش شۇجى جياڭ زېمىن پاختەكلى يېزىسىغا ئالايىتەن كېلىپ، دېھقانلارنى يوقلىدى ۋە قايتىش ئالدىدا ئۇلاردىن پاختەكلىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، يەنى 1993 - يىل 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پاختەكلى دېھقانلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆزلىرىگە جاۋاب خەت يازغانلىقىنىڭ 41 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ئۇلار شۇ كۈنى يەنە بىر قېتىم قولىغا قەلەم ئېلىپ، باش شۇجى جياڭ زېمىنغا خەت يازدى. خەتتە پاختەكلى دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ئەمەلىي مىساللار بىلەن بايان قىلىنىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەينى چاغدا يازغان خېتىدىكى ۋە ئۈچ يىل ئىلگىرى باش شۇجى جياڭ زېمىننىڭ ئۆزلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدا بىر - بىرلەپ رېئاللىققا ئايلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلغانىدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، باش شۇجى جياڭ زېمىن ئۇلارغا ئۆز قولى بىلەن جاۋاب خەت يازدى. جياڭ زېمىن جاۋاب خېتىدە پاختەكلى دېھقانلىرىنىڭ 40 نەچچە يىلدىن بۇيان رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ ئىلھامى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇلارنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، تېزدىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى.

  1994 - يىل 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى پاختەكلىدە 13 مىڭ كىشىلىك كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پاختەكلى خەلقى يەنە بىر قېتىم ناغرا - سۇناي چېلىپ، غۇلاچلىرىنى كەڭ يېيىپ ساماغا چۈشتى. ئەينى چاغدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھامىدىن نىياز قاتارلىق رەھبەرلەر ئالايىتەن كېلىپ، دېھقانلارنىڭ شادلىقىغا جۆر بولدى...

  بىز پاختەكلى يېزىسىنىڭ دېھقانلارنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىگە خەت يازغانلىقى باش تېما قىلىنغان قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىدا، زال تېمىغا يېزىلغان مۇنۇ سۆزلەرگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇردۇق: «پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە <جاۋاب خەت>نىڭ روھى پاختەكلى دېھقانلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى، 60 يىللىق چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە غەمخورلۇق يېزىمىزدا شانلىق ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى». بۇ بايانلار دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن پاختەكلى دېھقانلىرى ئارىسىدىكى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقنى، شۇنداقلا بۇنىڭ تۈرتكىسىدە پاختەكلى يېزىسىدا بارلىققا كەلگەن تەرەققىيات مەنزىرىسىنى تېخىمۇ روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. دەرۋەقە، كىشى بېشىغا ئاران 1.3 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدىغان پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلار نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان زور مەدەت ۋە ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە، بىر تەرەپتىن، بىلىم، ھۈنەر - كەسىپ ئىگىلەپ، شەھەر، ۋىلايەت ئاتلاپ پۇل تېپىۋاتقان، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇشىنى گۈلدەك ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش، زامانىۋى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تىرىشىۋېتىپتۇ. يېزا مەركىزىدىن كەنتلەرگە تۇتىشىپ كەتكەن كەڭرى ئاسفالت يوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى چىرايلىق، ئازادە سېلىنغان خىش قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقان دېھقانلار يېڭى دەۋرگە ماس تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ.

  −− بۇ يىل دېھقانلارنى بەكرەك خۇش قىلغان ئىش قايسى؟

  −− كەنتلەرنىڭ ئاسفالت يولى، −− دېدى پاختەكلى يېزىسىنىڭ باشلىقى مۇنەۋۋەر ئابلىز سوئالىمىزغا جاۋابەن.

  −− ئىلگىرى كەنت يوللىرى ئاسفالت ئەمەسمىدى؟

  −− ئۇنداقمۇ ئەمەس. بۇ يىل 7 - ئايدا سوغۇلۇق كەنتىنىڭ يولىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، پاختەكلى يېزىسىدىكى ئالتە كەنتنىڭ ھەممىسىنىڭ يوللىرىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش تاماملاندى. بۇ پاختەكلى خەلقى ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق بولدى. ھازىر قەشقەر شەھىرىدىن قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجۇ شەھەرچىسىگە تۇتاشتۇرۇلغان چوڭ ئاسفالت يولنىڭ يېزىمىزدىن ئۆتىدىغان بۆلىكى جىددىي ياسىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ يېزىمىزنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، يۇرت قىياپىتىنى يېڭىلاش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ.

  مۇنەۋۋەر ئابلىزنىڭ دېيىشىچە، بۇلتۇر بىر يىلدا پاختەكلى خەلقىگە جەمئىي 2 مىليون 171 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى، 2 مىليون 225 مىڭ يۈەن شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياردەم مەبلىغى تارقىتىلغان، دېھقانلارنىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتكەن، يېڭىدىن 545 ئائىلىلىك دېھقان ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 8334 يۈەنگە يەتكەن.

  1968 - يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە پاختەكلى يېزىسىنىڭ پاختەكلى كەنتىدە خىزمەت قىلىپ پېنسىيەگە چىققان تۇرسۇن قادىرنى پاختەكلى كەنتىنىڭ، جۈملىدىن پاختەكلى يېزىسىنىڭ پايتەخت بىلەن بولغان ئۈزۈلمەس رىشتىنى ھەقىقىي ھېس قىلغان ۋە بۇ جەرياندىكى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن كىشى، دېيىشكە بولىدۇ. بىز بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن تۇرسۇن قادىر ئاكىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ بىزگە چاقچاق ئارىلاش مۇنداق دېدى:

  −− ئىلگىرى ئېشەك ھارۋىسى بىزنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالىمىز ئىدى، ھازىر يولدا ماشىنىدىن تولا نېمە يوق. يېزىمىز مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىپ كېتىۋەرسە، كېيىنچە ئېشەكنى باغچىغا بېرىپ كۆرىدىغان ئوخشايمىز!

  تۇرسۇن قادىر ئاكا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

  −− ئەينى يىللاردا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ جاۋاب خېتى پاختەكلى خەلقىگە زور ئىلھام بولغانىدى، دېھقانلار جاۋاب خەتنىڭ تۈرتكىسىدە زور شىجائەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىگەچكە، يېزىمىز شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ۋىلايەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىلغارلىقنى ساقلىغان، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىمىز خېلى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، تېرىقچىلىقمۇ قىلدى، بازارغىمۇ يۈزلەندى. بۇنىڭ بىلەن، ئامبارلار ئاشلىققا، يانچۇقلار پۇلغا تولدى. مانا ھازىر بالا ئوقۇتۇش، كېسەل كۆرسىتىشلەر قولايلاشتى، غەم - ئەندىشمىز ئازىيىپ، خاتىرجەم ياشايدىغان بولدۇق. بىز مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشكەندە، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىزگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. داھىيلارنىڭ ئىللىق سىيماسى چۈشۈرۈلگەن ئىزناك، سۈرەتلەرنى ھازىرغىچە قەدىرلەپ، ئاسراپ ساقلاپ كېلىۋاتىمىز.

   شۇنداق، چىن ھېسسىيات بىلەن يېزىلغان سالام خەتلەر دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن پاختەكلى دېھقانلىرى ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەتنى ئۇلغايتتى، چۈنكى، بۇ خەتلەرگە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ پاختەكلى دېھقانلىرىغا قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئوتلۇق تىلەكلىرى ۋە گۈزەل ئارزۇ - ئۈمىدلىرى پۈتۈلگەن. پاختەكلى خەلقى مۇشۇنداق مەدەت ۋە تىلەكلەرنى مەنىۋى ئوزۇق قىلىپ، ئىناقلىق ۋە تەرەققىياتتىكى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرى بىلەن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىدى. 60 يىلدىن ئارتۇق تىرىشىش بەدىلىگە، ئەينى دەۋردىكى خەلقى نامرات ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قالاق ۋە ئاجىز پاختەكلى يېزىسى بۈگۈنكى كۈندە گۈللەنگەن يېزىغا، مىليون يۈەنلەپ پۇل تېپىۋاتقان بايلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ يۇرتىغا ئايلاندى. بۇ مەنزىرە، بۇ نەتىجىلەر ئەلۋەتتە پاختەكلىدىكى ئەمگەكچان دېھقانلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدا كۆرسەتكەن ئەجىر - مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى بولسا، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يۇرتقا بولغان چەكسىز غەمخورلۇقنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىشىنىمىزكى، ئەل ئارىسىغا چېچىلغان بۇنداق مېھىر - مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىدىن ئوتقاشتەك قىزىلگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك مېھىر - مۇھەببەت ھېكايىلىرى تالاي قەلبلەرگە مەڭگۈ ئۆچمەس مۆھۈر بولۇپ بېسىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر