باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر چەتئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلار ئۆمەكلىرى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئۇ شىنجاڭنى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋە ئىشتىراكچىلىرىدىن بولۇشنى ئۈمىد قىلدى

2015.09.09 16:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلار ئۆمەكلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار ئۆمەكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كانادا، ئاۋسترالىيە، پاكىستان قاتارلىق يەتتە دۆلەتتىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلار ئۆمەكلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن 30 كىشىنى ۋەتەنگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانىدى.

  شۆھرەت زاكىر چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق مۇھاجىر قېرىنداشلار ئاساس قىلىنغان مۇھاجىرلار ئۆمىكى ئۇزاقتىن بۇيان چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق قېرىنداشلار ۋە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلق بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تۆھپە قوشتى. ھازىر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالماقتا، كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە ۋە كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، يىپەك يولى ئىقتساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشى چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، سىلەرنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، يۇرتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىدىكى تەشۋىقاتچىلار، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى ۋە شىنجاڭنى قۇرۇش ئىشتىراكچىلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلار ئۆمىكى مەسئۇللىرى ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاۋسترالىيە سېدنىي جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابلىمىت سادىق مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىق مۇھاجىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم، يۇرتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر