باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نۇرلان ئابىلمەجىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى باشلاپ چۇڭچىڭنى كۆزدىن كەچۈردى

«بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى غەربىي رايون چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.09.09 16:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكى 5 - سېنتەبىردىن 8 - سېنتەبىرگىچە چۇڭچىڭدا «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەسىدىكى غەربىي رايون چوڭ يول قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرگەن. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۈن جېڭسەي 7 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن باشچىلىقىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن.

  سۈن جېڭسەي كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېگەن: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردى، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلىدى، تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇن ياخشى تەجرىبە - ئۇسۇللار چۇڭچىڭنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ، مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسىي كېڭەشتىن ئىبارەت سەھنە ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى غەربىي رايون چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  نۇرلان ئابىلمەجىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا چۇڭچىڭ شەھىرىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تۆمۈر يول كونتېينېر مەركىزى پونكىتى، تۆمۈر يول باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، ئاپتوموبىلنى پۈتۈن ئىمپورت قىلىش پورتىغا بېرىپ، «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» يول لىنىيەسى ۋە تۆمۈر يول پورتى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى. كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر چۇڭچىڭ شەھەرلىك پەن - تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو تېبابىتى تەتقىقات يۇرتى، يىرىك پىلان كۆرگەزمە سارىيى، سودا چەمبىرىكى ۋە سودا رايونى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ پەن، مائارىپ، سەھىيە، يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، سودا ئىقتىسادىي، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن كۆرۈشۈش ۋە سۆھبەتتە مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىي يۈكسەكلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ پىلانلاپ، ئىجىتمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە، يېڭى تەرەققىيات ۋە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چۇڭچىڭ شەھىرى «ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، خەلقنى بېيىتىش، چۇڭچىڭنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ تىرەكنى كۈچەيتىپ، شەھەر ئىقتىسادىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئۇرغۇتۇش، ئىشلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەسەۋۇرى ۋە يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چۇڭچىڭ بىلەن شىنجاڭ −− دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم جايلاردىن بولۇپ، ئىككى رايوننىڭ بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەردىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى» قۇرۇلۇشى سۇپىسىنى ياخشى ئىشلىتىپ، بىرلىكتە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ياخشى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىدۇ ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتناشقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە كۆزدىن كەچۈرۈش ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا دوكلات بېرىپ، دۆلەتنىڭ چۇڭچىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى شۈي جىڭيې قاتارلىق رەھبەرلەر يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن ۋاڭ ۋېي، سەمەت مەمەت، ۋاڭ جىلياڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر