- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئونسۇ ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى «ئالتۇن كۈز» ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى
2015.09.06 14:11 مەنبە: خەلق تورى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلەت ئابلىز خەۋىرى، فوتوسى) 2 - سېنتەبىر، ئونسۇ ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى «ئالتۇن كۈز» ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئىش ئورنىدىن قالغان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق ئېغىر بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئۆتكەن 34 نەپەر پەرزەنتىنىڭ ھەر بىرىگە 2000 يۈەندىن جەمئىي 68 مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ پۇلنى ئالدىن بېيىغان كارخانىچىلار، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەر ياردەم قىلغان. ئاخىردا ئونسۇ ناھىيەلىك باش ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ باردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر