باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىكى شىنجاڭلىقلار»تۆت مىليون ئادەم قېتىم ماختالدى

2015.09.02 13:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوغلىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئۇزىتىش، ماددىي ئەشيالارنى تۆگىدە توشۇش، ياپونغا قارشى مارش، شېئىر، ھەجۋىي رەسىم، دىراما تىياتىر ئىجادىيىتى...نەچچە كۈندىن بۇيان، «تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىكى شىنجاڭلىقلار» شىنجاڭلىق تورداشلارنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى قىززىتىۋەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پىلانلاپ ئۇيۇشتۇرغان«تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىكى شىنجاڭلىقلار»تىمىسىدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە بىر قاتار يازمىلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ياش تور ئەھلى ئارىسىدا كەڭ تارقالدى. كۆپچىلىك ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تور بېكەت ۋە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئوقۇپ ۋە تارقىتىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشقا ۋارىسلىق قىلىش روھىنى قىزغىن ماختىدى.1- سېنتەبىر كەچ سائەت يەتتىگىچە، چېكىپ ئوقۇش سانى تۆت مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ يىل ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن خاتىرە كۈنىدىن باشلاپ، «تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىكى شىنجاڭلىقلار» ھەر ئۈچ كۈندە1- سان ئېلان قىلنىپ، جەمئىي5سان ئىشلەنگەن بۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئىستراتېگىيىلىك ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، «شىنجاڭ»ناملىق ئايروپىلان ھەدىيە قىلغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەم قىلىپ گېرمانىيەگە قارشى تۇرغانلىقى قاتارلىق يېڭى ھىكايىلەر ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىنغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر