باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مەملىكەتلىك قىزىل ساياھەتچىلىك ئونمىڭ چاقىرىملىق سەپىرى»نى باش تېما قىلغان شىنجاڭ ساياھەت پائالىيىتى باشلاندى

2015.09.02 12:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ئاۋغۇست،«مەملىكەتلىك قىزىل ساياھەتچىلىك ئونمىڭ چاقىرىملىق سەپىرى»نى باش تېما قىلغان شىنجاڭ ساياھەت پائالىيىتى باشلاندى. «مەملىكەتلىك قىزىل ساياھەتچىلىك ئونمىڭ چاقىرىملىق سەپىرى» پائالىيىتى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش، قىزىل ساياھەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرغان پائالىيەت بۇلۇپ، «تارىخنى ئەستە ساقلاپ، جوڭخۇا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»نى باش تېما قىلغان، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىل ساياھەتچىلىك ئاپتونوم رايونىمىزدا تېز تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق رايونلار شىنجاڭدىكى مۇھىم قىزىل ساياھەت رايونى بولۇپ قالدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر شىنجاڭدىكى قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ سانى 70 كە يېقىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى 8 - ئارمىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، شىخەنزە شەھىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى قاتارلىقلار مەملىكەت بويىچە تاللانغان 100 ئىنقىلاۋى ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگەن.(مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر