باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ھوزۇر»دىن ھوزۇرلىنىۋاتقان ئاينىساخان

زىيارەت خاتىرىسى (تاھىرجان نىياز، ئەكبەر ئادىل)

2015.08.31 20:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى : جەمئىيىتمىزدە يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، ئۆز ئەقىل - پاراسىتىگە تاينىپ، دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئاخىردا مۆجىزە خارەكتىرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىلەرگىمۇ بەختىيار تۇرمۇش شارائىتى ياراتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس. شايار ناھىيە شايار بازىرىنىڭ «شىمالىي خەلق يولى» مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 50 ياشلىق ئاينىساخان كېرەم شۇنداقلارنىڭ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. گەرچە ئۇ ئىش ئورنىدىن قالغان ئايال بولسىمۇ، «ئىش ئورنىدىن قېلىش» دېگەن قورقۇنۇشلۇق توساقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ خوجايىنغا ئايلىنىپ، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

  مۇخبىر 30 - ئاۋغۇست ئاينىساخان كېرەم ئولتۇرۇشلۇق قورودا قۇرغان قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا زىيارەتكە بارغاندا، ئۇنى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى مەخسۇس زىيارەت قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ خىزمەتچىلىرى بىلەن جىددىي ئىشلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى پۈتۈنلەي ئاپتوماتلىشىپ كەتكەن ئىدى.

  ئاينىساخان كېرەم 2006 - يىلى سابىق ناھىيەلىك پاختا - چىگىت شىركىتىدىن ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوقۇتقۇچى ئېرى مەمتېلى سەيدۇلنىڭ بىر كىشلىك مۇئاشىغىلا قاراشلىق بولۇپ قالدى. ئاينىساخاننىڭ خىيالى بىرەر كەسپ بىلەن شۇغىللىنىپ، ئائىلە كىرىمىنى كۆپەيتىپ، ئىككى پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتۇش ئىدى. ئۇ ناھىيەمىزدە قارا كۆل قويىنىڭ كۆپلىكىنى، قوي يۇڭىنىڭ ساغلاملىققا ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا قوي يۇڭىدا يوتقان - كۆرپە ئىتىپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېقىشنى ئويلىدى ۋە بۇ خىيالىنى ئېرىگە دېگەندىن كېيىن، ئېرى قىزغىن قوللىدى ۋە ئۆيدە بار ئازغىنە پۇلغا قوي يۇڭى ۋە پاختا رەخت سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى. 2009- يىلى قوي يۇڭىنى ئىچكى ماتېريال قىلىپ تىككەن يوتقان - كۆرپىلەر تېزلا سېتىلىپ بولدى.بۇ تىجارەتتە روناق تېپىشقا كۆزى يەتكەن ئاينىساخان 2010- يىلى قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرىغا «ھوزۇر» دېگەن ماركىنى ئىلتىماس قىلىپ ئەنگە ئالدۇردى ھەمدە بانكىدىن 80 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، كېرەكلىك ئاددىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى ۋە ناھىيەلىك «كۈمۈش كۆۋرۈك» خەلقئارا چوڭ بازىرىدىن بىر دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ،«ھوزۇر» قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكىنى ئاچتى. ئەتراپتىكى ئىشسىز كىشىلەرنى ئىش ھەققى بېرىپ ئىشلەتتى. ئاينىساخاننىڭ قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرى تەبىئىي، زىيانسىز بولغاچقا خېرىدارلىرى ۋە كىرىمىمۇ بارغانچە كۆپەيدى. كېيىنكى يىللاردا ئېرىمۇ پىنسىيەگە چىقىپ، ئاينىساخانغا تولۇق ياردەمدە بولدى. 300 مىڭ يۈەن دەسمىي سېلىپ، يۇڭ ئېتىش، يۇيۇش، يۇڭنى تور قىلىش، يوتقان - كۆرپە تىكىش ماشىنىسى سېتىۋالدى. يەنە پىلە، تۆگە يۇڭىدىنمۇ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقاردى.

  ئاينىساخان كېرەمنىڭ ئېرى مەمتېلى سەيدۇل مۇنداق دېدى :«ئايالىم ئاينىساخان كارخانىدىن ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تارىمنىڭ قارا قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن يوتقان - كۆرپىلەرنى تىكىپ، خېرىدارلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ، ماختىشىغا ئېرىشتۇق. ھۆكۈمەتمۇ قوللىدى. ئىشلىرىمىز بارغانچە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. مەن ئايالىمنىڭ ئىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئىككى پەرزەنتىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىۋالدۇق. ھازىر خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن زاۋۇتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمدە بولىمەن».

  ھازىر ئۇنىڭ زاۋۇتىدا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتنىڭ تۈرى يوتقان - كۆرپە، ياستۇق - تەكىي، بوۋاقلار ئىشتان - چاپىنى، ئورۇندۇق كۆرپىسى، بەللىك، ئاياغ پېتىكى قاتارلىقلار بولۇپ 15 خىلدىن ئاشىدۇ. سەككىز ئادەم ئىشلەيدۇ. ئەيسا مۇسا بۇ يەردىكى كومپىيوتېردا مەشغۇلات ئېلىپ باردىغان بىردىن – بىر سىتودېنت تېخنىك.

  «ھوزۇر» قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى ئەيسا مۇسا مۇنداق دېدى :«مەن 2013 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئېنگىلىز تىلى كەسپىنى پۈتكۈزگەن. مەن ئۈرۈمچىدە كارخانىلاردا ئىشلەپ باققان. كېيىن يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئاينىساچام بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتىمىز. مېنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپەم كومپىيوتېردا قىلىدىغان تېخنىكىلىق ئىشلارنى قىلىش، مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىدىغان ئىشلارغىمۇ ياردەملىشىمەن. مۇئاشىم 3000 يۈەن ئەتراپىدا چىقىدۇ».

  «ھوزۇر» قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى ئارزىگۈل ئېزىز مۇنداق دېدى :«مېنىڭ كەسپىم تىككۈچى. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى ئۈچ يىل بولدى. بازىرىمىز بارغانسىرى ياخشىلىنىپ، مەھسۇلاتلىرىمىز شىنجاڭ بازىرىغا ئاساسەن كىرىپ بولدى. ئاينىساچام مېنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلەمنى ھەل قىلىپ بەردى. ئايدا 2500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە مۇئاش چىقىدۇ».

  ئاينىساخان كېرەمنىڭ تىرشچانلىقىنى كۆرگەن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارسى بۇلتۇرنىڭ بېشىدا ناھىيەلىك «سانائەت ماللىرى سودا بازىرى»دىن ئىككى دۇكان ئۆينى ئۇنىڭغا ھەقسىز بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئاينىساخاننىڭ قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرى سېتىش دۇكىنى ئۈچكە كۆپەيدى. ئۇنىڭ ھازىر قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرىدىن قىلىدىغان يىللىق ساپ كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

  «ھوزۇر» قوي يۇڭى مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ئاينىساخان كېرەم مۇنداق دېدى :«قوي، تۆگە يۇڭىنىڭ بەدەندىكى نەملىكنى تارتىدىغان، سوغۇقتىن پەي تارتىشىدىغان، كۆپ كىچىك تەرەت قىلىدىغان نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە پايدىسى بولغاچقا ۋە خېمىيەلىك تەركىبلەر بولمىغاچقا خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. باشقا جايدىن زاۋۇت قۇرىدىغانغا يەر ئېلىپ قويدۇم. زاۋۇتنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قوي، تۆگە يۇڭىدىن ئىنچىكە يىپ ئىگىرىپ، ئىشتان، پايپاق، گىلەم توقۇشنى پىلانلىدۇق».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر