باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى قوللاش كېرەك

جاڭ چۈنشيەن جىن چى بىلەن كۆرۈشتى

2015.08.31 19:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 29 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن يىپەك يولى فوندى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتكوم شۇجىسى جىن چى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يىپەك يولى فوندى دۆلەتنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىنى مەۋقە قىلىپ، 2014 - يىلى 29 - دېكابىر بېيجىڭدا قۇرۇلغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا مەبلەغ سېلىش فوندى. «بىر يول، بىر بەلباغ» رامكىسى ئىچىدىكى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ۋە كۆپ تەرەپلىك ئالاقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسى دۆلەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك زور تەدبىرى. يىپەك يولى فوندى قۇرۇلغان سەككىز ئايدىن بۇيان، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. دۆلەتنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونىنى قۇرۇشقا باشلىدى. شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد ئالاھىدىلىكى يىپەك يولى فوندى بىلەن ھەمكارلىشىش بوشلۇقىنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى بەلگىلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى قوللاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك، PPP ئەندىزىسى، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتى، پۇل مۇئامىلە كاپالىتى قاتارلىق تەرەپلەردە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»غا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى. ھازىر ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، تاشقى سودا قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن شىنجاڭ كارخانىسى ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلاردا بۆسۈشكە ئېرىشىپ، يىپەك يولى فوندى بىلەن ھەمكارلىشىش شەرتىنى ھازىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يىپەك يولى فوندىغا تايىنىپ «سىرتقا چىقىشى»نى قوللايدۇ. يىپەك يولى فوندىنىڭ بازار ئىستىقبالىنى تولۇق ئويلاشقان ئاساستا، تۈرلەرنى ئىنچىكە تاللاپ، دادىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىنى؛ بازارلىشىش، كەسىپلىشىش، خەلقئارالىشىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى «سىرتقا چىققان» كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازاردا تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جىن چى يىپەك يولى فوندىغا تەييارلىق كۆرۈش، قۇرۇش جەريانى، شۇنداقلا قۇرۇلغاندىن بۇيان، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى فوندى قۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلىدىلا شىنجاڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»غا ياخشى سىياسەت، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىپ، يىپەك يولى فوندىنىڭ بۇ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىشىغا ئاساس سالدى. يىپەك يولى فوندى شىنجاڭنى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان رايونلارنىڭ بىرى قىلىپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلار ۋە تۈرلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، خۇاڭ ۋېي، يىپەك يولى فوندىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ سۇروڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر