تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى دېخۇي خەلقئارا كىيىم-كېچەك شەھەرچىسىدە 30-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى 2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە، شىنجاڭلىق داڭلىق كىيىم لايىھەلىگۈچى، كورلا كىروران تىككۈچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تاۋ تاۋ ئۆزىنىڭ كىروران ‹‹爻›› خېتى شەكىللىك مودا كىيىملىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم، تاۋ تاۋ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى توغراق يىلتىزى ئويمىسى بىلەن ئۆزىنىڭ كىروران سەنئەتلىك مودا كىيىملىرىنى چېگرا ئاتلاپ كۆرگەزمە قىلدى.