تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 30-ئاۋغۇست كەچتە، شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا «پىدائىيلار مارشى»نىڭ ھەيۋەتلىك ساداسى ياڭرىدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇزىكا كېچىلىكى رەسمىي باشلاندى.
«تەيشىڭ تېغىدا»، «پارتىزانلار ناخشىسى»، «جۇڭگو ئارمىيە روھى» قاتارلىق سىمفونىيەلەر تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن قاتارلىق رەھبەرلەر تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە كېچىلىكنى كۆردى.