باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2015.08.31 16:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 27 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا مەملىكەتلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەھۋالىدىن خۇلاسە چىقىرىلدى، خىزمەت تەجرىبىلىرى ئالماشتۇرۇلدى ھەم بۇ سىستېمىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىندى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە (شەھەر)دىكى يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى، جۇڭگو يېمەكلىك، دورىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يۇرتى، نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلار ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ھەرقايسى شىسىدىكى يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سابۇكەي، بىڭتۈەن پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى لۇ شياۋفېڭ قاتارلىق يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ مىڭجۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكىلەر مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ھۆكۈمىنى، شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلەپلىرىنى توغرا ئىگىلىشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىك سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشى، دەل جايىغا، ھالقىلىق نۇقتىلارغا ۋە ئەمەلىي ئىشلارغا يېقىندىن ياردەم بېرىشى كېرەك. «ئاچقۇچ تاپشۇرۇش» بىلەن دوستلىشىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، ھازىرقى ئەھۋالدا پۇت تىرەپ تۇرۇش بىلەن يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەرنى پىلانلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ، مەبلەغ تۈرىدە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت كاپالەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇشى كېرەك.

  غانىبات سابۇكەي مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، مەملىكەتلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭغا سىياسەت، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، ماددىي ئەشيا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېمەك - ئىچمەك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەسپىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئۈچۈن مەركەزدىن 940 مىليون يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۆتكەپ چىقىم قىلىنغان مەخسۇس مەبلەغ 360 مىليون يۈەن، يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى تۈرى سېلىنمىسى 580 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئۆلكە (شەھەر)لەردىكى ئىدارىلەر ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن بىڭتۈەنگە جەمئىي 28 مىليون 780 مىڭ يۈەن ياردەم قىلغان، بۇ مەبلەغلەرنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر