- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرى مۇددەت ئىچىدە چېقىۋېتىشنى رەت قىلغان بالىخانىدىكى قائىدىگە خىلاپ قۇرلۇشلارنى مەجبۇرىي چېقىۋەتتى
2015.08.26 13:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى قانۇن بويىچە دوستانە گۈللۈكىدىكى ئۈچ مۇددەت ئىچىدە چۇۋۇۋېتىشنى رەت قىلغان21 جايدىكى بالىخانىدىكى قائىدىگە خىلاپ قۇرلۇشلارنى مەجبۇرىي چېقىۋەتتى.
بۇ بالىخانىدىكى قائىدىگە خىلاپ قۇرلۇشلار ئىچىدە بېلىق كۆلى، گۈلزار، بەزىلىرى پولات قۇرۇلمىلىق تىكلەپ تۇرغۇزۇلغان ئاشخانا بولۇپ، تەبىئىيكى مۇئەللەقتىكى خۇسۇسىي باغ بولۇپ قالدى.
شىمىگو رايونلۇق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى تەپتىش بۆلۈمى بۆلۈم باشلىقى لوخۇا تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: بۇ قائىدىگە خىلاپ قۇرلۇشلار ئوت مۇداپىئە يولىنى توسۇۋالغان، شۇنداقلا ئېغىر ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر