باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «ئۇقتۇرۇش» چۈشۈرۈپ،

ھېيت - بايرام مەزگىلىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2015.08.25 14:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى بوشاشماي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «3 - سېنتەبىر» ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مەخسۇس «ئۇقتۇرۇش» چۈشۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھېيت - بايرام مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتى سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش، بايراملىق سوۋغا قوبۇل قىلىش ۋە بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى خۇسۇسىي ئىشلارغا ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە پۇل ۋە خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي - تۆكۈن ۋە نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەم ئاشكارە ئېلان قىلىشى؛ ئىنتىزامنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزچىل ئاگاھلندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتە قىلىپ، شامالغا قارشى ھالدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى تۈزىتىلسىمۇ قايتا كۆرۈلگەن رايون، تارماق ۋە ئورۇنلارغا قارىتا، ئالاقىدار تەرەپنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلغاندىن سىرت، يەنە پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەردىن جەمئىي 152 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، 184 كىشىنى بىر تەرەپ قىلغان، 139 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرگەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ تۈركۈمدە 27 تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان، 31 پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بۇ دېلولارغا چېتىشلىق ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پاش قىلىش تېلېفۇنى: 12388 - 0991

  پاش قىلىش تور ئادرېسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى تور پونكىتى: www.xjjct.gov.cn


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر