باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كەلدى

جاڭ چۈنشيەن لۇ جەنگۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.08.25 13:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى 17 - ئاۋغۇستتىن 21 - ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭدا ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 21 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇ جەنگۇڭ باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 17 - ئاۋغۇست شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شۇجى جاڭ چۈنشيەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنە بار. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئامالنىڭ بارىچە شارائىت يارىتىپ بەردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەر قىسىمدا قاتتىق چېنىققاچقا، ئېسىل پەزىلەتلىك ۋە ياراملىق. ئۇلار شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان مۇھىم ئادەم كۈچى بايلىقى، ئۇلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا پائال رول ئوينىيالايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنىڭ مۇھىم كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىزگە قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىشىنى؛ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ داۋاملىق تۈزۈلمە، ئىشتات قاتارلىق تەرەپلەردە ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قوللاپ، جايلارنىڭ ئۇسۇل ۋە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لۇ جەنگۇڭ كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم شىنجاڭدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئەستايىدىل رەتلەپ چىقىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەركەزنىڭ تېخىمۇ قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەڭشەپ تۈزۈپ چىقىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا سۇنىمىز.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 21 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. لۇ جەنگۇڭ يىغىندا سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىزچىل تۈردە شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. سىلەر بۇ قېتىم شىنجاڭغا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلدىڭلار، بۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭغا غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە شىنجاڭنى قوللىغانلىقى. بىز سىلەرنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىڭلارنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرىمىز.

  سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە شىنجاڭدىكى ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

  يۇقىرىقى پائالىيەتكە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، چې جۈن، خەن يۇڭ، شاۋكەت ئىمىن، ما شۆجۈن، بادەي، گو ليەنشەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدىن سۇڭ يۈيىڭ، لۈ جۇڭمېي، سۇ شىلياڭ، جياڭ جيەنزېڭ، ياڭ جىچى، ياڭ جىنيۇڭ، جياڭ لى، گو يۈنچۇڭ، سۈي خەيرۇڭ، ساۋ يۈمىن، سۈن لىيىڭ، دۇ يۈپېي، جاڭ يىجېن، چېن خۇڭ قاتارلىق يولداشلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر