باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان ئىككى ھەپتىدە، خوتەن ۋىلايىتىدە 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ئىلگىرىكىدىن 20 ھەسسە كۆپەيدى، ئامما خۇشال ھالدا:

ھازىر پاسپورت بېجىرمەك ھەم تېز، ھەم قولايلىق بولدى، دېيىشتى

2015.08.25 13:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسىدىكى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەسىس قىلغان چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغانلارنى كۈتۈۋېلىش زالىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، 20 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دە، ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرگىلى كەلگەن ھەر مىللەت ئامما ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىلا 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ئىلگىرىكىدىن 20 ھەسسە كۆپەيدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكى، تىرىشىپ شارائىت ھازىرلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن جايغا ئايلاندۇرۇشنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرىدىن ئىبارەت ئۈچ جايدا ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتى خىزمىتى ئالدىن باشلىنىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز 8 - ئاينىڭ بېشىدا مۇزاكىرە قىلىپ، ئادەتتىكى پاسپورتنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئىلتىماس قىلىش شەرتى ۋە بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا بويسۇنۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى قارار قىلدى.

  چېگرادىن كىرىش - چىقىش ئېھتىياجى كۆپرەك بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ بۇ ئىسلاھاتقا بولغان ئىنكاسى قانداق؟ مەن 20 - ، 21 - ئاۋغۇست خوتەن ۋىلايىتى ۋە خوتەن شەھىرى، قاراقاش ناھىيەسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلدىم.

  20 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 16دە، خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسىغا تەسىس قىلىنغان چېگرادىن كىرىش - چىقىش كەسپى بويىچە كۈتۈۋېلىش زالىدا، شورباغ يېزىسىدىن كەلگەن مەمەت ئەمەر ئوبۇل ھەسەن مۇنداق دېدى: مەن رۇسىيەگە بېرىپ دوستلۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، مېنىڭ ئىلتىماسىم بۈگۈن قوبۇل قىلىندى، خىزمەتچى خادىملار ماڭا ئەڭ تېز بولغاندا 15 خىزمەت كۈنىدە پاسپورت چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم، ئەمدى تېزلا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيالايدىغان بولدۇم.

  تۇساللا يېزىسىنىڭ دۆڭ كەنتىدىكى ئىبراھىم ئەرشىدىن تولدۇرۇپ تەييارلىغان «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش، چىقىش گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىش جەۋدىلى»نى ئېلىپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر پاسپورت بېجىرىش ھەم تېز، ھەم قولاي بولدى. مېنىڭ، ئىنىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر ۋە ئانام بولۇپ جەمئىي سەككىزىمىزنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىنى بۈگۈن تاپشۇردۇق، ئىشلار ناھايىتى تېزلا پۈتتى، بەكلا خۇشال بولدۇق. بۇ قېتىم ئاساسلىقى چەت ئەلگە تۇغقان يوقلاشقا بارىمىز، ھازىر ئىقتىسادىي شارائىتىمىز ياخشىلاندى، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىققا تايىنىپ يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىمىز، ئۆيدىكىلەر بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشقا قۇربىمىز يېتىدۇ.

  21 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدە تەسىس قىلىنغان چېگرادىن كىرىش، چىقىش كەسپىي مۇلازىمەت زالىنىڭ سىرتىدىكى كۆزگە كۆرۈنىدىغان جايغا پۇقرالارنىڭ چېگرادىن كىرىش، چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش كۆرسەتمىسى چاپلانغانلىقى، كۆپلىگەن كىشىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىش تەرتىپىنى تەپسىلىي ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.قاراقاش بازىرىنىڭ سىزى كەنتىدىكى روزىباقى غاپپار مۇنداق دېدى: بىز ئىككى كۈندىن بۇيان ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار خەۋەرگە دىققەت قىلدۇق، بۇ سىياسەت ئۇزاق مۇددەتلىك ئىكەن، ھەر قاچان پاسپورت بېجىرگىلى بولىدىكەن. شۇڭا، مەن ئالدىراپ كەتمىدىم. مەن ۋە ئىككى ئاكام بىلەن بەش خىل مېتال دۇكىنىدىن ئىككىنى ئاچقان. پاسپورت بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيەگە بېرىپ ماشىنا قۇراشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى، ئىلغار ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىپ قۇراشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

  ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىش تەلىپىگە قارىتا، خوتەن ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا جايلارغا ئوخشاش تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆپەيتىپ كۆزنەك تەسىس قىلىش، ئىش بېجىرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، «يېشىل يول» ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «بىر بېكەتلىك، بىر قېتىملىق» مۇلازىمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى چېگرادىن كىرىش، چىقىشنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى جۈن مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ پاسپورت بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايىتى يېڭىدىن 71 ساقچى سەپلەپ، 35 ساقچىخانىدا ئىلتىماس قوبۇل قىلىش نۇقتىسى، 45 قوبۇل قىلىش كۆزنىكى تەسىس قىلدى. بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسەت، ئاھالىلەر ھەر ۋاقىت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پاسپورت بېجىرىشنى ھەر ۋاقىت ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر