باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسىدە سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى

2015.08.24 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسىدىكى سانائەت كارخانىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنىمىنى ئاشۇرۇپ كارخانىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقتىن سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى .

  بۈگۈر ناھىيەسىدە نىفىتلىككە مۇلازىمەت قىلىش قىزىل سانائەت باغچا رايۇنى ۋە نىفىت خېمىيە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان لايسۇ سانائەت باغچا رايۇنىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانە 145 بولۇپ ، ئۇلار يېڭى تېخكىنا ، ئىلغار ئۈسكىنە ، زامانىۋىي باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇردى . مەھسۇلات سۈپىتى ، ئىشلەپچىقىرىش ، ئوبۇرت قىلىش ھالقىلىرىنى چىڭ تۇتقانلىقتىن ، يىل بېشىدىن 8 – ئاينىڭ بېشىغىچە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارت 274 مىليۇن 887 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئەمەلگە ئاشقان سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى 29 مىليۇن 58 مىڭ يۈەنگە يەتتى . بۇنىڭ ئىچىدە ، سانائەت باغچا رايۇنىدىكى كارخانىلارنىڭ ئەمەلگە ئاشقان سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى 260 مىليۇن 934 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن %4 ئاشتى . لاسۇ سانائەت باغچا راينىدىكى كارخانىلارنىڭ ئەمەلگە ئاشقان سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى 17 مىليۇن 710 مىڭ 600 يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %33.4 ئاشتى . قىزىل سانائەت باغچا رايۇنىدىكى كارخانىلارنىڭ سانئەت ئاشۇرۇلما قىممىتى 8 مىليۇن 382 مىڭ 800 يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %12.9 تۈۋەنلىدى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر