خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:چەرچەن ناھىيەلىك سودا ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىنتېرنىتىنڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ، يېقىندا ھەرقايسى يېزا- بازارلاردىن كەلگەن 26 نەپەر دېھقاننى تور دۇكىنىنى قانداق ئىلتىماس قىلىش، سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئىسپاتلاش، توردا مەھسۇلات سېتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بۇيچە ئەمەلي مەشغۇلات ئارقىلىق تەربىيلەپ ، ئۇلارنىڭ چىلان ،ياڭاق قاتارلىق يەرلىك يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تور (دۇككىنى )سۇپىسى ئارقىلىق مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە سېىتىپ ، ئائىلە ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يىتەكلىدى . (چەرچەن ناھىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدىن : مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى)
سۈرەتتە : ئەمەلي مەشغۇلات تەربىيلەش كۇرۇستىن كۆرۈنۈش .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى