خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋرى،فوتوسى..پوسكام ناھيەسىنىڭ كۇيباغ يېزىسى جىگدىجاي كەنتىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئەتىرتى ئاممىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بىيىتىش،زامانىۋىي ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىنى ئەسەبىيلىكنى يوقىتىشقا يىتەكلەش تەشۋىقتىنى كۇچەيتىشتىكى مۇھىم قوشۇنغا ئايلىنىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقشلىششغا ئىرىشتى.
جىگىدىجاي كەنتى پارتىيە ياچايكىسى بۇلتۇردىن بۇيان كەنىتنىڭ ئاممىۋىي مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۇچەيتىپ،‹‹ئەسەبىيىلىكنى يوقىتىش››، ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرىتقى مەنۋىي تۇرمۇشىنى بىيىتىپ، كەنىتنىڭ تۇرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن زامانىۋىي ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق يىتەكلەشنى تۇپ نىشان قىلىپ، كەنىتتە تۇرلۇك مەدەنىيەت تەشۋىقات پالىيەتلىرىنى تىخىمۇ جاللاندۇردى. كەنىت رەھبەرلىكى كەنىتتىكى ئۇسۇل سەنئىتى ۋە مۇزىكا جەھەتتە قابىليىتى بار 30 نەپەر دېھقاننى تەشكىللەپ، 20 مىڭ يۇەندىن ئارتۇق مەبلەغ سەرىپ قىلىپ، كەنىت سەتئەت ئەتىرتىنىڭ سەھنە كىيمى ۋە چالغۇ ئۇسكىنلرى ،ئاۋاز ياڭراتقۇ قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلىدى. مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغداش،ئىجتىمائى مۇقىملىقنى كۇچەيتىش،ئەسەبىيىلىكنى يوقىتىش،ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۇرۇش، مەددىيەلەنگەن خور،ئىتۇت،لەپەر،ناخشا -ئۇسۇل،مۇزىكا قاتارلىق سەرخىل نومۇرلارنى تەييارلاپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە تەكلىپ بىلەن يېزا تەۋەىسىدىكى 14 كەنت ۋە باشقا يېزىلاردىمۇ ئاپتۇنوم رايۇن قرۇلغانلىقنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۇززىسىدىن 50 نەچچە مەيدان ئويۇن قويۇپ، كەڭ ئاممىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەسەبىيىلىكنى يوقىتىشقا يىتەكلەپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقشلىشىشغا ئىرىشكەن.
سۇرەتتتە:جىگدىجاي كەنتىدىكى ئەل ئىچى خەلىق سەنئەتكارلىرى ‹‹ئازات زامان ›› مۇزىكسىنى ئورۇنىماقتا
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى