باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا داۋاملىق كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش كېرەك

2015.08.18 20:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۆھرەت زاكىر دۆلەت تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى:شىنجاڭغا داۋاملىق كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش كېرەك

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 17 - ئاۋغۇست دۆلەت تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى فېڭ شىدوڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىقىنى ئەڭ بالدۇر ئاچقان مەركەز كارخانىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىش، بايلىقنى ئېچىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، بايلىق رايونىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. دۆلەت تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭغا داۋاملىق كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، پەن - تېخنىكا مىقدارى ۋە ئۈسكۈنىلەر سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى تىرەك قىلىپ، خەلقئارا بازارنى ئېچىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى نۇقتىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىمۇ ئىلگىرىكىدەكلا ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ، شىركەتنىڭ شىنجاڭدىكى كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ.

  فېڭ شىدوڭ مۇنداق دېدى: بىز ئاپتونوم رايوننىڭ «بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، بايلىق ئېچىشنىڭ قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپلەرنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جيەنشىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر